خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ كاناداغا زىيارەتكە كەلدى
2016.09.23
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 21 - سېنتەبىر كۈنى كاناداغا يېتىپ كېلىپ، كانادادىكى 4 كۈنلۈك رەسمى زىيارىتىنى باشلىدى.
بۇ، 2010 - يىلى خىتاي سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادانى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ كانادانى تۇنجى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2010 - يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. 2006 - يىلى كانادادا يېڭىدىن ھاكىميەت بېشىغا چىققان كونسېرۋاتىپ پارتىيەدىن بولغان ستېۋېن خارپېر، كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىپ خىتاي تۈرمىسىگە تاشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بايانات ئېلان قىلىپ، «مەن كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى دوللارغا تېگىشمەيمەن» دېگەن سۆزلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىدى. ئۇ يەنە 2008 - يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان.
كېيىنكى يىللىرى ستېۋېن خارپېر خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، دېگەندەك ياخشى بولماي كەلگەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كانادا زىيارىتىگە باھا بېرىپ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ، لى كېچياڭنى قىزغىن، ئەمما ئېھتىيات بىلەن كۈتۈۋالدى دەپ يازدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، لى كېچياڭ كانادا ۋالىسى داۋىد جونسون بىلەن كۆرۈشكەن ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ بىلەن بىرلىكتە تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كانادا زىيارىتى، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇنىڭ 2 ھەپتە ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى كېۋىن گەرراتنى قويۇپ بەرگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى، كانادادا پائاليەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى، بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى، دېموكراتىك خىتاي بىرلەشمىسى قاتارلىق خىتايدا دېموكراتىيە كۈنلىگى ئاستىدا، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار، جاستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ،10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىل قاتارلىق بارلىق كانادالىق مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاستىن ترېدۇ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئالدىراپ كانادانى زىيارەت قىلىشى دىققەت چەكمەكتە.
ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى مەمەت توختى، لى كېچياڭنىڭ ئالدىراپ - سالدىراپ كاناداغا يېتىپ كېلىشى خىتاينىڭ كانادا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا جىددى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىغىنى تەكىتلەيدۇ.
كبك تېلۋىزىيە قانىلى تور بېتىدە 21 - سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، جاستىن ترېدۇ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا تىجارىتىدە ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئاۋسترالىيىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنىڭ كانادانىڭمۇ بېشىغا كېلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، دېگەن.
خىتاي تەرەپ تۇيۇقسىز ئاۋستىرالىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان كۆمۈرگە قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاۋسترالىيەلىك كۆمۈر ئىشچىلىرىنى ئېغىر زىيان تارتىش گىردابىغا سۆرەپ كىرگەن ئىدى.
خىتاي يېقىندا، كانادادىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەھۋالنى سادىر قىلغان، يەنى خىتاي تەرەپ تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ، كانادادىن ئىمپورت قىلىدىغان قىچىغا قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇپ، كانادادا قىچا ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 50 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
كانادا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەر ۋاقىت كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تەرەپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا 2 يىل بولغان كېۋىن گەرراتنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كانادادىكى خىتايغا قارىشى نارازىلىقلارنى پەسەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
كانادادىكى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتاينىڭ كېۋىن گەرراتنى قويۇپ بېرىشى ئۆزىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پەدەزلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار نورمال بولغان ساقال قويۇش، ھىجاپلىنىش ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنى ئۆرپ - ئادەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرالمايۋاتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە. خىتاي تەرەپنىڭ كانادا پۇقراسى كېۋىن گەرراتنى قويۇپ بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كاناداغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە قارىتا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن مەمەت توختى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن كانادادىكى مەنپەئەتلىرىدىن زىيان تارتىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى ھاكىميەت بېشىغا چىققان جاستىن ترېدۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق، ئاسىيا بازارلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىش نىيىتى بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىم شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،خىتايغا ئېھتىيات بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ يىل يانۋاردا خىتاي بىلەن بولغان سودا تىجارەتنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان جاستىن ترېدۇ، بۇ يىل ئىيۇندا كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سوئال سورىغان مۇخبىرغا ئازار بېرىش سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمەي تۇرۇپ، كانادانىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا تىجارىتىنى يولغا قويۇشقا ئالدىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەن.
يېقىندا جاستىن ترېدۇغا ھەمراھ بولۇپ خىتايدا زىيارەتتە بولغان كانادانىڭ خەلقارالىق سودا مىنىستىرى فرې لاند خانىم، كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى، قايتا قايتا ئۆيلىشىپ، ئېھتىيات بىلەن مۇقىم ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جاستىن ترېدۇ، خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا تىجارىتىنى 2025 - يىلى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ئوچۇق ئاشكارە تىلغا ئېلىپ كانادا مەتبۇئات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
كانادادا ياشاۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى كامىل تۇرسۇن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كاناداغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىگە باھا بەردى.
كانادادا يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان لىبېرەللارنىڭ، خىتايدەك دىكتاتور بىر دۆلەت بىلەن، تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاپپاق چاپاق بولۇشى، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان زاتلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
ئۇلار كانادادا ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنىڭ يېڭى يول ۋە ئىستراتېگىيىلىرى ھەققىدە باش قاتۇرماقتا. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى نۇرمەمەت مۇساباي ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ 4 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا، كانادا سودا ساھەسىدىكى ئەرباپلار بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا يەنە، كانادانىڭ ماتېرىيال شەھرىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ۋە كانادادىكى خىتاي جەمىيەتلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.