6 - ئۆكتەبىر ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت فېستىۋالىدا، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئورۇنلىغان نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.
لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەھىمە خانىم ۋە ئەزىز ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان فېستىۋالدا، لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا كونسېرت كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قېتىم ئانسامبىلنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئەزالىرىغا يېڭىدىن ئارتىسلار قوشۇلۇپ مەزمۇن بېيىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئورۇنلىغان ناخشا - ئۇسۇل پروگراممىلىرى كۇلوپنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتەرگەن. لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكى ئەنگىلىيىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار نىسپەتەن ئاز بولغان ياۋروپا دۆلىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇتۇشتا يەنە بىر قېتىم ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان.
لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ نادىر سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان خەلقارالىق سەنئەت ئۆمىكىگە ئايلانغانلىقى تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر ئانسامبىل ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان«ئېچىۋېتىلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا مەدەنىيەت فېستىۋالى»نىڭ 6 - ئۆكتەبىردىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆرسەتكەن نادىر سەنئەت پروگراممىلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم زور ئالقىش ۋە شەرەپ قازاندى.
ئانسامبىل ئەزالىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە رەھىمە خانىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت فېستۇۋالىنى ئەنگىلىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارزۇ سەنئەت ئۆمىكى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئافرىقا ۋە شەررقشۇناسلىق ئىنىستىتوتى، لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى، يىپەك يولى ئۇسۇل ئۆمىكى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكستان، قازاقستان، قىرغىزستان، تۈركمەنستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈرك تىللىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن سەنئەتكارلار، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئەلچىخانە خادىملىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە قىززىقىدىغان تەتقىقاتچىلار ۋە ئەنگىلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق تاماشىبىنلار قاتناشقان.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بايانىدا، بۇ قېتىمقى سەنئەت كۆرۈكىنىڭ ئالاھىدىكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەنگىلىيىدەك ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خەلقى نىسپەتەن ئاز بولغان ياۋروپا دۆلىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا يەنە بىر قېتىم ئۆز تۆھپىسىنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.
لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ياڭراق ۋە خۇش ئاۋازى بىلەن تونۇلغان ناخشىچىسى رەھىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فېستىۋالنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى سەنئەت نومۇرىنى كۆرسىتىش شەرىپىگە ئېرىشكەن لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ، بۇ قېتىمقى كونسېرتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئانسامبىلغا پىدائىي بولۇپ يېڭىدىن قاتناشقان دىلزات قاتارلىق ياش ئارتىسلار ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرلىرى كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رەھىمە خانىم يەنە، لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئانسامبىل ئەزالىرىنىڭ پۈتۈنلەي پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماي ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە تونۇتۇش ۋە ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى بار تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئۆمەككە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00