لۈكچۈن، خوتەن ۋەقەلىرىدىن كېيىن د ئۇ ق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقىش نىشانى د ئۇ ق بولغان. خىتاي ئاخباراتىدىن گۇمانلانغان غەربلىكلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋەقەگە قارىتا ئىنكاسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئىيۇل كۈنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 15 تىن ئارتۇق دۆلەتتە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تەييارلىق قىلىپ كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن جىددىي تېلېفون يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە مەزمۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلغان.

بىز د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن لۈكچۈن ۋەقەسىنى دۆلەت ئىچىدە سىر تۇتۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن ۋەقەسىدىن باشلاپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب ئالدۇق.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەربلىك كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ، خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان مەلۇماتنىڭ راست-يالغانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا پوزىتسىيىسىنى بىلىشكە تىرىشقان. ئۇ سۆزىدە، يالغۇز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىلا ئەمەس، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا يەنە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 11 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارمايمۇ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.