شىۋېتسىيەدە 14-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىدە، سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى 31.2 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن، ئەمما ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئاجىز كەلگەن سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى، سايلامدا 6.8 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن يېشىللار پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
3-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا، 132 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 49 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى ۋە 154 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن، سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ستېفان لۆۋېن شىۋېتسىيەنىڭ 35-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.
سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى بىلەن يېشىللار پارتىيىسى بىرلىكتە ھۆكۈمەتنى 4 يىل باشقۇرىدۇ.
ھۆكۈمەت قۇرغان شىۋېتسىيەنىڭ 35-نۆۋەتلىك يېڭى باش مىنىستىرى ستېفان لۆۋېن 3-ئۆكتەبىر كۈنى مىنىستىرلارنى ئېلان قىلدى. ھۆكۈمەت كابىنتى 24 مىنىستىردىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشىللار پارتىيىسىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلان بىناكارلىق ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.
بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.
نىجات تۇرغۇن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان پارتىيىلەرگە ۋە پارلامېنت نامزاتلىرىغا ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قانداق يول تۇتار ؟ ھۆكۈمەت ۋە مىنىستىرلارنى تەشكىلات نامىدىن قانداق تەبرىكلىدىڭلار» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.