مايك پەنسنىڭ خىتاي ھەققىدىكى نۇتقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن بېشارەت بەرمەكتە (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.08
mike-pence-amerika-xitay-munasiwiti-hudson.jpg ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس «خۇدسون مەركىزى» دە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بايانات بەرمەكتە. 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
AP

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا خىتاي ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەمدى خىتايغا يېڭىچە سىياسەت يۈرگۈزىدۇ» دەپ تۇرۇپ باشلىغان نۇتقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى جوش روگىننىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۇتۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىگە ھەم شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگىمۇ قارشى تۇرۇپ، خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «مايك پەنسنىڭ نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەخسۇس بىر پاراگرافتا ئورۇن بېرىشىنىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە پەقەتلا خىتايغا ئۇنداق قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشلا ئەمەس بەلكى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم مەسىلە قىلىپ بېكىتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى»، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى مايك پەنس پەيشەنبە كۈنىدىكى نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇنداق مۇتلەق كونترول سىياسەتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىپ بېرىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ ئىپادە قىلغان ئىدى. مايك پەنس نۇتقىدا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولسا خىتاينىڭ «قەرز دىپلوماتىيەسى» بولدى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە، ياۋروپا ۋە ھەتتا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگىچە قەرز بەرمەكتە. شەرتلىرى ناھايىتى مۈجمەل بولغان بۇ قەرز كېلىشىملىرى ئارقىلىق پۈتۈن پايدىنى خىتاي ئالماقتا» دېدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئالدى بىلەن قەرزگە بوغۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىغا ۋاسىتە بولۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن بەزى دۆلەتلەردە ئۇنىڭ قەرز ئورنىغا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان بولسا، يەنە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 3 لاتىن ئامېرىكا دۆلىتىنى تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىدەك ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق سىياسەت ئانالىزچىسى خۇ شاۋجاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتايغا ھەرقانداق توقۇنۇشتا «يول قويۇش» پوزىتسىيەسىنى ئاساس قىلغان سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاخىرى ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى قارشى ئالغان.

ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ئاخىرى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرىنىڭ پەقەتلا بىر خام خىيال ياكى بىر قۇرۇق فانتازىيە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆتمۈشتە يۈرگۈزگەن خاتا سىياسەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇر. خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ھاكىممۇتلەقلىقنى تەكرارلاۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىش ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئۈچۈن ناھايىتى زور بىر ئىلگىرىلەش» دېگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە: «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ قانداق ئىجرا بولۇشى يەنىلا خىتاينىڭ ئۆزىگە باغلىق»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بىر ھاكىمىيەت بولۇپ، دېموكراتىيە، ئورتاق تەرەققىيات، تىنچلىق، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان، باشقا ھاكىمىيەتلەر بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر قۇدرەتلىك دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن ئۇ ھالدا خىتاي بۇنىڭدا ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ خىتاينىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ تېخى ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغىنى بىر ھەقىقەت» دېدى.

دەرۋەقە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسمۇ شۇ كۈنكى نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ ھازىر ھەربىي كۈچىنى قاتتىق كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز تارىختىن بېرى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئىگە بولۇپ كەلدۇق، ھېلىھەم شۇنداق. پرېزىدېنت ترامپ يېقىندا دۆلەت مۇداپىئەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى 716 مىلياردقا ئۆستۈرىدىغان بىر قارارغا ئىمزا قويدى. بىز يادرو قوراللىرىمىزنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە، ئەڭ يېڭى تېخنىكىغا ئىگە بولغان كۈرەشچى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى، يېڭى ئەۋلاد ئاۋىياماتكىلار ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى قوراشتۇرۇۋاتىمىز. قىسقىسى بىز قوراللىق قىسىملىرىمىزغا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مەبلەغ سېلىۋاتىمىز. . .» دېدى.

مايك پەنس يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاينىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ ئارزۇغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقى ۋە ھازىرمۇ بۇنى داۋام قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ كېلەر قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولۇشى ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئامېرىكىدىكى سايلام پائالىيەتلىرىگە قول تىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە تەشۋىقات ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ: «بىز خىتاي رەھبەرلىرىگە شۇنى دەپ قويماقچى -بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز ھەرگىز چېكىنمەيدۇ. ئامېرىكا خەلقىمۇ ھەرگىز قايمۇقۇپ قالمايدۇ. بىز بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلغان تەقدىردىمۇ، خەۋپسىزلىكىمىز ۋە ئىقىتسادىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى، ئامېرىكادىكى ئىش پۇرسەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ. بىز ئارمىيەمىزنى قايتا كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىنىمۇ قەتئىي قوغدايدۇ. . . .» دەپ ئەسكەرتتى.

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ مايك پەنسنىڭ سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «بىز ئامېرىكىنى خىتاينى ئاساسسىز ھالدا ئەيىبلەشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. ھېچكىم خىتاي خەلقىنى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.