مىسىردىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.04.25
misirda-uyghur-visa.jpg مىسىردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پاسپورتىدىكى مىسىر ۋىزىسى.
Social Media

مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ «قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى تەكشۈرۈش» نامىدىكى ئاختۇرۇشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قوللىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن «كۆك پاسپورت» بىلەن قالغان ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قېچىپ يۈرۈش مەجبۇرىيىتىدە قالغان. يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنلەر ئارىسىدا ئاياللار ۋە يېشى كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. ئۇلار مىسىردىن باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە ئامالسىز قالغاچقا، تەشۋىش ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

مىسىردا قەپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدىن بۇيان بۇ خىل ئەندىشىدىن تېخىچە قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە خەۋىرى بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەقتە بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندىن قېچىپ ياۋروپاغا كېلىۋالغان رەيھان خانىم ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ مىسىردىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، قاھىرەدە يېقىندا يەنە بىر ئۇيغۇر تۈركىيەگە مېڭىش سەپىرىدە قاھىرە ئايرودرومىدا مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ۋە شۇندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان. ھالبۇكى، ئۇ تۇتۇلغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مىسىردا قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتىلەر ئىلگىرى يەنە بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ قاھىرە ئايرودرومىدا توسۇپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇلغان ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى دىلشات ھاپىز بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشتا ئىكەن. بۇ بالا بۇنىڭدىن ئىككى يىللار ئاۋۋال قۇمۇلدىن مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ قايسى كۈنى تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن مەزكۇر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئېقىپ يۈرگەن گەپلەردىن بۇ ۋەقەگە ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا مىسىر دائىرىلىرى بۇ ھەرىكىتىنى «مىسىردا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلارنى تازىلاش» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قارا-قويۇق تۇتۇلۇپ تۇرا تۈرمىسىگە تاشلانغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇلارنىڭ بەزىلىرى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، 16 نەپىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىشلىك ئۇچۇرلار ھازىرمۇ مىسىردا قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھەتتا قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇلغان دىلشات ھاپىزنى تونۇيدىغانلارمۇ ئۇ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق، ھەتتا ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاتماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، دىلشات ھاپىز ئىككى يىللار ئاۋۋال قۇمۇلدىن ئوقۇشقا كەلگەن، باشتا ئەرەبچە ئۆگىنىپ يېقىندا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملاتقان. ئەزھەرنىڭ جاۋابىنى ساقلاۋاتقان دىلشات ھاپىزنىڭ ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يېقىندا تۈركىيەگە چىقىپ كېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن. ئاخىرى بىر ئەرەب ئارقىلىق ئىقامەت قەغىزىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقامەتكە مىسىر دائىرىلىرى ئىككى ھەپتە ئىچىدە چېگرادىن چىقىشى شەرت دېگەن تامغا بېسىۋەتكەن ئىكەن. گەرچە دىلشات مىسىردىن ئايرىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان بولسىمۇ، ئۇچۇرلاردا دېيىلگەندەك قاھىرە ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنغان ۋە شۇندىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ تەكىتلىشىچە، دىلشاتنى تونۇيدىغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇنىڭ ئىزدەك -سورىقىنى قىلىپ ساقچىخانىلارغا بارغان، ھەتتا ئادۋوكات تۇتۇپ سۈرۈشتە قىلغان. ئەمما ئۇلار دىلشات ھەققىدە ھېچ قانداق جاۋاب ئالالمىغان. دىلشاتنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىردەك ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىپ، بىھۇدە ئېغىر جازاغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، بۇنىڭ دەلىلىنىڭ بىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پەقەت خىتايغىلا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان «كۆك پاسپورت» بېرىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مىسىر دائىرىلىرىنىڭمۇ خىتايغا ماسلىشىپ، مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى بىلەن بۇلتۇر يازدىكى تراگېدىيەنىڭ قايتىلىنىدىغانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مىسرادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇشى «ھەر قانداق بىر قانۇن ياكى ئىنسان ھەقلىرى پىرىنسىپىغا خىلاپ بىر قىلمىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي مىزانلىرىغا يات بىر ھادىسە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى قوزغاشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە،» دەپ ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.