مۇھەممەد سالىھ ھاجىمغا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بېرىلدى
2018.01.31

بىرقانچە كۈندىن بېرى تۈركىيەدىكى گېزىتلەردە، تور بەتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار تارقالماقتا. ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇلار بىردەك ھالدا ئۆز باياناتلىرىدا خىتاينىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۈرمىدىكى ۋاپاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيەدىكى چوڭ گېزىتلەر، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپاتىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا باش بەتتىن ئورۇن بەردى. «يېڭى ئاقىت» گېزىتىدە «زۇلۇمنىڭ زىندانىدا شېھىت بولدى» تېمىسىدا، قىرىم تاتارلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور گېزىتىدە بولسا، «ئۇيغۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم خىتاي لاگېرىدا جان ئۈزدى» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «يېڭى شافاق گېزىتى» مۇ خەۋەر ئېلان قىلغاندىن سىرت، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا سىنئالغۇ فىلىمى ئىشلەپ تارقاتتى.
30-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە 2016-يىلى چېن چۈەنگو رايونغا پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بېرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى باشلانغانلىقى، تۇنجى قېتىم قۇرئانى كېرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر ئالىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى بايان قىلىنغان. «يېڭى ئاقىت» گېزىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن ئۈزۈندى ئېلىپ يازغان خەۋەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، قاچان ۋە قانداق ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەلۇمات بېرىشكە چاقىرغانلىقى بايان قىلىنغان.
«يېڭى ئاقىت» گېزىتىدە 31-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي زىندانىدا شېھىت بولغان مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەردە جۈمە كۈنى، يەنى 2-چېسلا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى رەئىسى ئابدۇللا بۇكسۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا ھازىر ۋەھىمىلىك بىر ئەھۋال مەۋجۇت. مۇھەممەد سالىھ ئېلىپ كېتىلىپ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى بىلىنمەسلىك بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھەممەد سالىھ ھاجى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ. بۇلارغا قارايدىغان بولساق ۋەزىيەت بەكلا ئېغىر. خىتاي دۆلىتى ۋەتەنداشلىرىغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشى، ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.»
تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى» نى بايان قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندا زىيالىينىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2-چېسلا جۈمە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامەسىدە ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام جامەسىدىمۇ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1939-يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلىدا بېيجىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، قۇرئانى كەرىمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندىن سىرت، ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزگەن ۋە ئۇنىڭ كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.