تۈرك بوكس تېرنىرى مۇرات ئۆنەر ئامېرىكا سەپىرىدە رابىيە قادىر خانىمدىن ھال ۋە يول سورىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.02
rabiye-qadir-turkiye-boksyor-murat-oner.jpg تۈرك بوكس تېرنىرى مۇرات ئۆنەر رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە
RFA


ئامېرىكىغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن تۈرك بوكس تېرنىرى مۇرات ئۆنەر ئەپەندى، سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئىشخانىسىدا يوقلىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نۆۋەتتە نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە يوليورۇق سورىغان.

مۇرات ئۆنەر ئەپەندى خەلقئاراۋىي بوكس سەھنىلىرىدە شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاكا - ئۇكا بوكسىيورچىلارنىڭ دادىسى ۋە تېرنىرى بولۇپ، رابىيە خانىم ئۇلارنىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراققا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ھۆرمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلاردىن ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى مۇمكىن بولغان ھەر پۇرسەتتە تاماشىبىنلىرىغا بىلدۈرۈپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.