تۈركىيەنىڭ تۆت شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.31
Siwas-Namayish-01.JPG سىۋاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى. 2018-يىلى 30-دېكابىر. سىۋاس، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن دوكلات بېرىش، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. 29-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ زالىدا دۇنيا تۈرك بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەتكە پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، تۈركمەن يازغۇچى شەمسەتتىن كۈزەچى ئەپەندى ۋە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆزلەپ، تۈركىيەدە نۇرغۇن كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېرىم قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ زۇلۇمى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتىدۇ. بەزى كىشىلەر 1 مىليون كىشىنىڭ يەنە بەزى كىشىلەر 3 مىليون كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇ قورقۇنچ بىر ئىش. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى توغرا بىلىدىغان كىشىلەر ئاز، بەزى كىشىلەر تارىختا بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ئۇ يەردە قالغان ئىكەن، خىتاي ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. ياق! ئۇنداق ئەمەس. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا ۋەتىنىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئەسلىدە بىر دۆلەت، بۇ دۆلەتنى خىتايلار بېسىۋالغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياكى بۇنى بىلمەيدۇ، ياكى بىلمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. بىز قاراباغنى بېسىۋېلىنغان تۈرك زېمىنى دەيمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنداق دېمەيمىز، ھەممىمىز شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي بېسىۋالغان زېمىن دېيىشىمىز كېرەك». 

شۇ كۈنى، يەنى 29-دېكابىر كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ چانقىرى شەھىرىدە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى بىلەن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدى. 

29-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى، كادىرلار ئۇيۇشمىسى چانقىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل ئايخان ئەپەندى، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ چانقىرى ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شەھەر باشلىقى ئىشتىراك قىلدى. 

ئالدى بىلەن بەش يۈز ئەتراپىدا كىشى چانقىرى شەھەر مەركىزىدىكى كوچىدا قوللىرىدا تۈرك بايرىقى، كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلىدىغان زالغىچە يۈردى. ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق ۋە قار يېغىۋاتقانلىقىغا قارىماي، يۈزلىگەن ئادەم «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاپ يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. نامايىشچىلار ۋەكىللىرى چانقىرى يۈزىنچى يىل يىغىن زالىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. 

ئارقىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى باشلاندى. يىغىندا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چانقىرى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئايخان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «يۇرتىدىكى ئۆي-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېچكىمنىڭ قاراپ تۇرۇش ھەققى يوق. نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ‹جازا لاگېرلىرى›غا تاشلانغان. ئۇ يەردە تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. ئەپسۇسكى، بۇلار ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتمايۋاتىدۇ. بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بۇلار خەۋەر قىممىتى يوق دەپ قارالماقتا. تۈركىيەمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ پەريادىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ». 

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چانقىرى شۆبىسى رەئىسى ئىسمائىل ئايخان ئەپەندى قىلغان سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاتا يۇرتىمىزدا بىز بىلەن بىر مىللەت. يۈز يىللاردىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى چىقىۋاتقان، مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان، ئىسلامنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلارنى ئەيىبلەيمىز. بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. ئۇنداق قىلمىغان دۆلەت ۋە ئورگانلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك بولغان بولىدۇ».

ئارقىدىن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى دەسلەپتە جازا لاگېرلىرى قۇرغانلىقىنى قوبۇل قىلمىدى، كېيىن ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن يوشۇرىدىغان تەرىپى قالمىغاچقا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن دۇنياغا مەن ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمەن، ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئەسەبىيلىكنى زىيانلىرىنى ئاڭلىتىۋاتىمەن دېدى. بۇ پۈتۈنلەي ئاقمايدىغان سۆزلەر. چۈنكى خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيەدە خىتاي سۆيەر ئادەملەر بار، بۇلار تۈركىيەدە بۇنداق بىر ئىش يوق، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇلار توغرا ئەمەس، خىتاي بەزى تۈركىيە پۇقراسى ئادەملەرنىمۇ سولاپ قويغان ئىدى، يېقىندا قويۇۋەتتى. بۇ مىساللار تۇرۇقلۇق خىتاينى ئاقلاش توغرا ئەمەس». 

پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» دا 8 ئاي يېتىپ چىققان ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئۆمەر بەكېلى ئەپەندى پۇت-قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ سەھنىگە چىقىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزغا ئوخشاش تۈركىي خەلقلىرىنىڭ پۇت-قولىنى كىشەنلەر بىلەن باغلىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىنى باغلىيالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئۆمەر بەكېلى ئەپەندى كۆز-ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئارقىدىن ئەنقەرەدىكى ھاجىبايرام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى «تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، چانقىرى ۋىلايىتىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ يالوۋا ۋىلايىتىدىمۇ دوكلات بەرگەن ئىدى.

30-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان سىۋاس ۋىلايىتىدىكى سىۋاس شەھەر مەركىزىدە «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا 350 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.