ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستان قېرىنداشلار يىغىنىدىن قايتقان ئۆمەر ئۇيغۇر پاكىستاندا سوئال - سوراققا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.12
pakistan-omer-uyghur-wexpi.jpg ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى
Photo: RFA

بىرقانچە يىللىق قانۇنىي كۈرەش ۋە تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئايدا تۈركىيدىكى شەرقى تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان پاكىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ سوئال - سورىقىغا دۇچ كەلگەن. قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرد - ئەھۋالىنى تېگىشلىك بىر سورۇندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان ئۆمەر ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەق يولدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.