ئۆركەش دۆلەت ياۋرۇپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.09.12
Ilham-toxti-saxarof-mukapati.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلغان. 2016-يىلى 26-ماي.
unpo.org

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە ئىلھام توختىنى «ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق نامزات» دەپ كۆرسەتكەن.

11 - سېنتەبىر كۈنى 1989 - يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ھەمدە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ھېسابلانغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق نامزات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىدىن 2016 - يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا ئىلھام توختىنى تاللاشنى ئۈمىد قىلغان.

مەلۇمكى، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىگە چىقىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مۇجادىلە قىلىپ كەلمەكتە.

ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: «ياۋرۇپا دۆلەتلىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان سانلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مۇھاجىرلارغا قۇچاق ئېچىپ ئۇلارغا باشپاناھ بولىۋاتقان ھازىرقى پەيىتتە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھېسابلاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر ئۈستىدىن خەن مىللەتچىلىكىنى ئەۋجى ئالدۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئاستىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇرەسسەچى رەھبىرى ئىلھام توختىغا ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىگە چىقمىسا، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاۋازى قاماقتا بوغۇلۇپ يوقىتىلىدۇ».

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆركەش دۆلەتنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا يازغان خېتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۆركەش دۆلەتكە بولغان قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۆركەش دۆلەت يازغان بۇ خەتنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىراق، ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنىڭ ئۆزى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزرە ئېيتتى ھەمدە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغان خېتىدىن پايدىلىنىشىمىزنى ھاۋالە قىلدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى بولسا، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭمۇ بۇ ئىسىملىك ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2016 - يىلى 26 - ئاپرىل بېرلىندا رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ماي ئايلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ئىدى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەقسىتى قاماقتىكى ئىلھام توختىنى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.