ئوسمان تۇرسۇن خىتاي تەرەپنىڭ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.01
OSMAN-Tursun01.jpg گېرمانىيەدىكى مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن.
RFA/Shohret Hoshur

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ساقچىسى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن بىلەن دەسلەپكى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندە ئۆزىنى ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ دوستى دەپ تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىجارەت قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان دۆلەت مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ مەقسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوسمان تۇرسۇندىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا بىلەن سېيىت تۈمتۈرك ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن دەسلەپكى قېتىم تېلېفوندا تونۇشۇش ۋە ئاخىرىدا تىللىشىش جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

سوئال: ساقچىلار بىلەن ئەڭ دەسلەپتە قاچان كۆرۈشتىڭىز؟ 

جاۋاب: ئىككى ئاي بولۇپ قالدى، 4‏-ئاينىڭ بېشىدا. ئۇلار دەسلەپتە تېلېفون قىلغاندا «مەن سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز بولىمەن» دېدى. تېلېفونى بىر قارىسام ۋەتەننىڭكىدەك، يەنە بىر قارىسام گوللاندىيەنىڭكىدەك. شۇنىڭ بىلەن «سىز مەن تونۇمايدىغان بىر تۇغقىنىمكەنسىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ نەدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى دەڭ، ئاندىن سۆزلىشەي» دېدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى دېدى ۋە «مەن ئوغلىڭىز مەمەتتۇرسۇننى (دۇبەيگە) چىقارغان كىشىمەن. مەن (ئوغۇللىرىڭىز) مەمەتئەلى بىلەن مەمەتئىمىننىڭ دوستى. سىز بىلەنمۇ يېقىن ئۆتسەك، قىلىدىغان جىق ئىشلار بار، مەمەتئىمىن ۋە مەمەتئەلىلەرگە ياردەم قىلىمەن» دېدى. مەن شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شۇنداقتىمۇ مۇنداق دېدىم: «بولىدۇ، ياخشى گەپ، ھەممىمىز ئۇيغۇر، قولىمىزدىن كېلىدىغان ياخشىلىقلارنى قىلىشىشىمىز كېرەك». ئەمما شۇ چاغدا مەن يەنە مۇنداق دېدىم: «بىر نەرسە باشتىلا ئوچۇق بولۇپ كەتسۇن، ئەگەر ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بىر ئىش بولسا، مەن ئۇنى قىلالمايمەن، سىز يەنە مەندىن ئۇنى كۈتۈپ قالماڭ». ئۇ: «بولىدۇ، ھاجىمكا، ئىلمىي ئىش قىلىمىز، سىياسەتنى قايرىپ قويۇپ گەپلىشەيلى،» دېدى. «بولىدۇ» دەپ گەپلەشتۇق، ئاخىرىدا بىللە قىلىدىغان تىجارەتنىڭ گېپىنى قىلدى، مەن ئاندىن «بۇ قانداق تىجارەت ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ: «بۇ يەردە چوڭ بىر تىجارەت بار، بۇ ھەقتە بىر يەردە كۆرۈشۈپ گەپلىشەيلى،» دېدى. مەن: «بولىدۇ، كۆرۈشسەك كۆرۈشەيلى، ئەمما كۆرۈشىدىغان يېرىمىز گېرمانىيە ياكى تۈركىيە بولسۇن،» دېدىم. ئۇمۇ «بولىدۇ» دېدى ۋە «شىركەتنىڭ باشلىقلىرىدىن سوراپ باقاي،» دېدى. ئۇ ئۆزىنى ساقچى دېمەيدىكەن، تىجارەتچى دەيدىكەن.

سوئال: بۇ گەپلەر قايسى كۈنىدىكى تەھدىت سۆزلەر دېيىلىشتىن ئاۋۋالقى گەپلەرمۇ؟ 

جاۋاب: شۇنداق. ئۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن تېلېفون قىپتۇ، ئۇ: «سىز دېگەن ئۇ دۆلەتلەرگە بارالمايدىكەنمەن، سىز ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بىرىگە ياكى قازاقىستان، قىرغىزىستانلارغا كەلسىڭىز،» دېدى. مەن ئۇ دۆلەتلەرگە بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. 

سوئال: ئىسمى نېمىكەن، بۇ كىشىنىڭ؟

جاۋاب: ئابلىز دېدى ئۆزىنى. 

سوئال: بۇنىڭ ئاۋازىنى ھازىر 3‏-دۆلەتتە مۆكۈنۈپ يېتىۋاتقان ئوغلىڭىزغا ئاڭلىتىپ باقتىڭىزمۇ، تونۇمدىكەن؟ 

جاۋاب: ئاڭلاتتىم، دەرھاللا تۆنىدى. «بۇ كىشى خوتەندىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مېنىمۇ تەربىيەلىگەن، بۇياققا چىقىشتىن ئاۋۋال. ئۇ ئىسمىنى ھەپتىدە بىر دېگۈدەك ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئابلىز دېگىنىمۇ يالغان بولۇشى مۇمكىن،» دېدى 

مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان تۇرسۇن مەزكۇر خادىمنىڭ دېگەن يېرىگە بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى ئۆز مەقسىتىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغان. ئوسمان تۇرسۇن ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ دەسلەپتە گەپنى چۈشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان. 

ساقچى خادىمىنىڭ سۆزلىرى: «ھاجىم، ئەمدى گەپنى چۈشەنمەيدىغان بولۇۋاپلا، ئەسلىدە بەك ئوچۇق ئىش ئىدى، بوپتۇ، راستنى دەي، شۇ يەردىكى چوڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈڭلار، ئەمدى گەپ ئوچۇق بولغاندۇ؟ يەنە چۈشەنمەس بولۇۋالساڭلار، سىلىنىڭمۇ، مېنىڭمۇ مەنپەئەتىمىزگە زىيان يېتىدۇ. گەپنى چۈشەندىڭلار مەنچە، ۋاقىت دېگەن ئۇزۇن. . .»

سوئال: سىز قارشى تەرەپتىن، «مەندىن كونكرېت زادى نېمىنى كۈتىسەن» دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ 

جاۋاب: سورۇدۇم، دەپ بەردى، شۇ قېتىمدا ئاۋازىنى ئالالماي قالدىم. ئۇ: «دولقۇن (ئەيسا) بىلەن يېقىنلىشىپ، تەشكىلاتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ شۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىزگە مەلۇم قىلىسەن. قەيسەرىگە بېرىپ سېيىت تۈمتۈرك بىلەن يېقىنلىشىپ ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى يەتكۈزىسەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: «بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ھازىرلا دەپ بېرەي،» دېدىم. ئۇلار بۇ گېپىمدىن خوش بولۇپ تېپىرلاپ كەتتى. ئاندىن دېدىمكى: «ئۇلارنىڭ پىلانى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش، بالدۇرراق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق پىلان-مەقسىتى يوق. مېنىڭمۇ مەقسىتىم شۇلار بىلەن ئوخشاش. شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش». مۇشۇنداق دېيىشىمگىلا ئۇلار سەكرەپ (ئاچچىقلاپ) كەتتى. . .»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.