سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيت مىسىردىكى مۇرسى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھاكىمىيەتكە 12 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ياردەمنى تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يۈكسىلىۋاتقان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مىسىر ئارمىيىسى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ مۇرسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن سايلامغىچە يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھۆكۈمەتنى مىسىردىكى ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە قوللاپ قۇۋۋەتلىمىگەن بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيتنىڭ 12 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. رىياد بىلەن ئابۇدابىنىڭ ئەڭ ئاز 51 كىشى ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىنلا بۇ قارارنى چىقىرىشى، مىسىردىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىنكى ھۆكۈمەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئوتتۇرا شەرق ۋە غەرب گېزىتلىرىدىكى تەھلىللەردە مىسىردا تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ تەسىرىنىڭ ئازايغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيتنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە بايانات بەرگەن بىر ئەرەب رەھبەر، «بۇ، قاتار ۋە تۈركىيە قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن سىياسىي ئىدىيە ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنىش. ئەگەر سىياسىي ئىسلام پاي چەك بولغان بولسا تراگېدىيىلىك بىر شەكىلدە باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولاتتى.» دېگەن. 2002-يىلىدىن بېرى تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دىنىي كۆز قاراشلارنى ئاساس قىلغان بىر سىياسىي پارتىيە.
بۇرۇندىن تارتىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئوخشاش دىننى ئاساس قىلغان سىياسىي پارتىيەلەرنى قوللاپ كەلمەكتە. شۇڭا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى بىرىنچى بولۇپ ئەيىبلىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب باھارى جەريانىدا ئىزچىل ھالدا خەلقنى، ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاپ كەلدى.
ئەرەب باھارىغا قارشى قەدەم
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيتنىڭ مىسىرغا بۇنداق تېز ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ئەرەب باھارىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلئەزىز ئەل ساگېر ھۆرىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەرەب باھارى مەيدانغا كەلگەن دۆلەتلەردە مۇقىملىقنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئەرەب باھارىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى قاتارنىڭ بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارغا دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى، قاتارنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاۋاتقانلىقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. كۇۋەيتلىك سىياسەتشۇناس ئايەد ئەل ماننا تۈركىيەنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىگە بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، قاتارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇرۇندىن تارتىپلا مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيەسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بەزى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلماقتا. تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەت ئانالىزچىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى تاشقى سىياسەتتە بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى
مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. مىسىر يۇقىرى سوتى مەمەت بەدىئىي باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بۈگۈن تۈرك گېزىتلىرىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن ھازىم ئەل بابلاۋى كېلەر ھەپتىگىچە ھۆكۈمەت كابېنتىنى قۇرۇپ، مىنىستىرلار تىزىملىكىنى رەئىس جۇمھۇرىغا سۇنىدىكەن.
دېموكراتىيەلىشىش ئاسانمۇ؟
ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىق كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا دېموكراتىيىلىشىش ئاسانمۇ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتا. داڭلىق ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى 11-ئىيۇل كۈنى ھۆرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسانمۇ؟» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
-ئىسلام دۇنياسىدا، ئاسىيادا ۋە ئافرىقادا يېڭى بىر سىياسىي تۈزۈمگە ئېھتىياج بارلىقى ئېنىق. بۇنىڭدىن كېيىن دىنىي پەتىۋالار بىلەن كونىراپ كەتكەن سىياسىي ئىدېئولوگىيىلەر بىلەن ئەمەس، مىللىي ھاكىمىيەت، خەلق ھاكىمىيىتى يەنى دېموكراتىك سايلاملار بىلەن قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر دۆلەت باشقۇرۇشى كېرەك.
تۈركلەر 1912-يىلى بۇ يولدا ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئوسمانلى ئىمپېريەسى ئالىملىرىدىن ئەلمالىلى خامدى ئەپەندى «مىللىي ھاكىمىيەت خىلاپەتتىن ئۈستۈن» دەپ يازغان. ئەمما ئەركىن سايلامنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان بولمىدى. خەلق ئەركىن سايلام تەلەپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مائارىپ كۈچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
تاھا ئاقيول ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 1950-يىلىدىن باشلاپ دېموكراتىيەلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-تۈركىيە باھارى 1950-يىلى مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن كرىزىس، قالايمىقانچىلىقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. كۆپ ئىلگىرىلىدۇق، ئەمما دېموكراتىيەمىزدە يەنىلا چاتاق بار.
ئەرەب باھارى بەكلا يېڭى. كىم بىلىدۇ، تېخى نېمە قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ، قانداق ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.
غەرب ئەللىرىدىكى دېموكراتىيىمۇ نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى سەۋىيىگە كەلدى.
دېموكراتىيەدىن باشقا تاللاش يولى يوق. ياخشىسى بۇنى چۈشىنىپ يېتىپ، قىسقا يولدىن دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش، يۇمشاق يوللار ئارقىلىق دېموكراتىيىگە بېرىش كېرەك.