پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىدى
2015.11.13
پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تۈنۈگۈن يەنى 12 - نويابىر كۈنى «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە پائالىيەت سورۇنىغا ئىككى نەپەر پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى كىرىپ كەلگەن، ئۇلار نەق مەيداننى رەسىمگە ئالغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات سورىغان، ئارقىدىن بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. تەھدىت پۇرىقىدىكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەمكارلىشىۋاتقان بەزى پاكىستانلىقلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. نەتىجىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستانلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قەشقەر رابات يەنى قەشقەر مېھمانخانىسىدا كاتتا ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىپ، بىر ئائىلىدە ئۆتكۈزگەن.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ كاتىپى ئەكپەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيىتىنىڭ پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بۇ نۇقتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگىمۇ، پاكىستان ساقچىلىرىغىمۇ بەش قولدەك ئايان ئىكەن.
ئەمما، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە قارىتا ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولغاچقا، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي، پاكىستان دوستلۇقى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەيدان بىرلىكىنى مۇھىم شەرت قىلغاچقا، «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» تىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئەكپەرجاننىڭ پەرەز قىلىشىچە يەنە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىزچىل تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە دەخلى قىلغان.