پاكىستان قەشقەردە، خىتاي گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-09-02
Share
gilgit-hokumet-emeldarliri-qeshqer.JPG گىلگىت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى رەھبەرلىرى سۆھبەتتە. 2015-يىلى سېنتەبىر.
«بادىشىمال» گېزىتىنىڭ 30-ئاۋغۇست سانىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان

30-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ «بادىشىمال» قاتارلىق گېزىتلىرىدە پاكىستاننىڭ قەشقەردە، خىتاينىڭ گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن.

«بادىشىمال» گېزىتى پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئوردۇ تىلىدىكى گېزىتلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى سانىدا، 29-ئاۋغۇستتىن باشلاپ گىلگىت شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ گىلگىت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىدە پاكىستاننىڭ قەشقەردە، خىتاينىڭ گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى شەھەر رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە قەشقەر بىلەن گىلگىت شەھىرىنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلىيلىشىدىغان بەزى پىلانلار ھەققىدە سۆزلەشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 29-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ گىلگىت شەھىرىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى گىلگىت، خۇنزا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان.

بىز پاكىستان گېزىتلىرىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇلقەييۇم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت