قازاقىستاندىكى تەنھەرىكەتنىڭ مۇشتلىشىش تۈرلىرىدىن بوكس، كاراتې، كىك - بوكسىڭ، ۋۇشۇ - ساندا، تاي بوكسى، مۇئاي - تاي ۋە باشقىلار بويىچە جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دەرىجىدە تونۇلغان ئۇيغۇر چېمپىيونلىرى كۆپلەپ سانىلىدۇ.
ئەنە شۇنداق ياشلارنىڭ بىرى، ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىلمۇرات مىجىتوفتۇر. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ چېمپىيون بولغانلىقى ۋە بۇنىڭدىكى ئاتا - ئانىسى ھەم ترېنېرىنىڭ رولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەتكە كىچىكىمدىن قىزىقاتتىم. بۇ قىزىقىش ئۆزىمىزنىڭ ئاقبۇلاق مەھەللىسىدە باشلاندى. ئەخمەتجان ئاكا ئاچقان تەنھەرىكەت زالىدا باشلىدىم. بىرىنچى بولۇپ ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف كېلىپ، بىزگە ئۆگەتتى. ئاتا - ئاناممۇ مېنى قوللىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. 2008 - يىلى دولقۇن ئاكىغا كەلدىم. ئۇ مېنى قىزىقتۇردى. ھەر بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئارمىنى بار. مېنىڭ ئارمىنىم ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىپ، چېمپىيون بولۇش.»
دىلمۇرات مىجىتوف ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، شاھئابباس كامېكوف، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق بوكسچىلىرى باخىت سارسېكبايېف، سېرك ساپىيېفلاردىن كۆپ ئۆگىنىپ، شۇلارنى ئۈلگە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - ۋە 70 - يىللىرى قازاقىستاندىن چىققان مەشھۇر بوكسچىلاردىن بولۇپ، ئۇ مەملىكەت بويىچە خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاقنى ئالغان تۇنجى بوكسچىدۇر. ئۇ ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقىدا ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككى قېتىم چېمپىيون ئاتالغان.

سۆھبەت جەريانىدا دولقۇن كامېكوف ئۆزىنىڭ بوكس ۋە كىك - بوكسىڭ بويىچە يەتكەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن دەسلەپ ئۆزبېكىستاندا تەنھەرىكەت تېخنىكومىدا ئوقۇپ، 1982 - يىلدىن باشلاپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم. شۇ يىللىرى بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا ئۆزبېكىستان چېمپىيونى بولدۇم. 1989 - يىلى ئالماتاغا كېلىپ، بۇ يەردە تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋېتىپ مەشىقلەندىم. قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدۇم. 1991 - يىلدىن باشلاپ كىك - بوكسىڭ تۈرىگە ئۆتتۈم. قازاقىستان ۋە سوۋېت بويىچە باشقىمۇ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە چېمپىيون ئاتالدىم. ئۈرۈمچىدە بۇلتۇر ئابدۇرېشىتنىڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئون بەش كۈنلۈك مەشىقتە بولدۇق ۋە بىر كۈنلۈك مۇسابىقە ئۆتكۈزدۇق. ئۇلار بىلەن ئالاقىمىز ياخشى.»
ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بوكس كوماندىسى بىلەن پات - پاتلا ئارىلىشىپ، ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە يەنىمۇ بېرىش - كېلىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالىي دەرىجىلىك تەنھەرىكەت مەكتىپى قاتارلىق ھەر خىل تەنھەرىكەت مەكتەپلىرىدە ئونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى تەربىيىلەنمەكتە.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى 90 - ۋە 2000 - يىللىرى بولسا، مۇڭلۇق جەلىلوف، ئالىك جەلىلوف، ھېمىت توختاخۇنوف، پەرەتجان توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف، غافۇر توختىيېف، دولقۇن كامېكوف، شاتلىق ھەمرايېف ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى ئاتاقلىرىغا مۇيەسسەر بولدى. قازاقىستان، ئاسىيا، خەلقئارا دائىرىدە چېمپىيون ئاتالدى. ھازىر ئۇلار ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەپ، قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.
دىلمۇرات مىجىتوف 1995 - يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق چونجادا دۇنياغا كەلگەن. 12 يېشىدىن تارتىپ دولقۇن كامېكوف رەھبەرلىكىدە بوكس بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 2009 - 2015 - يىللاردا ئالماتا شەھىرى بويىچە چېمپىيون. 2015 - يىلى قازاقىستان بويىچە چېمپىيون. 2013 - يىلى ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە چېمپىيون ئاتالدى. دىلمۇرات مىجىتوف شۇنداقلا 2014 - يىلى خىتايدا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقە، 2014 - يىلى موسكۋادا ۋېكتور ئاگېيېف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان خەلقئارا مۇسابىقە، شۇ يىلى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكەن دۇيشېنكۇل شوپوكوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان خەلقئارا مۇسابىقە غالىبى. 2015 - يىلى ئۇ قازاقىستاننىڭ قىزىلوردا شەھىرىدە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكنى ئالدى.
دىلمۇرات مىجىتوفنىڭ دادىسى رىشات ئوغلىنىڭ قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلىرىغا پەقەت ئائىلىسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ، پۈتكۈل يۇرتىنىڭ خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاپ - قۇۋەتلەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەنھەرىكەت ماھىرى دولقۇن كامېكوف شاگىرتى دىلمۇراتنىڭ قابىلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىلمۇرات 12 يېشىدىن تارتىپ مەشىق قىلىۋاتىدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا ھەرىكەتچان، قورقۇمسىز، باشقىلارغا قارىغاندا تىرىشچان ئىدى. كىچىك ۋاقتىدىنلا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. مانا ھازىر تەنھەرىكەت ماھىرى، قازاقىستان بويىچە ياشلار ئارىسىدا چېمپىيون بولدى. خىتاي، ئۇكرائىنا، رۇسىيەدە ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىلەردىمۇ چېمپىيون ئاتالدى. ھازىر ئالماتا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كېلەچەكتە ئولىمپىك ئويۇنىغا قاتنىشىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»
دولقۇن كامېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، دىلمۇراتتىن تاشقىرى يەنە ئونلىغان قىز - يىگىتلەر تەربىيىلەنمەكتە. ئۇلارنىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى بوكسچىلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ ھەم ئۇلاردىن كۆپ ئۈمىدلەر كۈتۈلمەكتە ئىكەن.