10-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» دا مىللىي بىرلىك تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.07.25
Qerindashlar-uchrushishi-10-01.JPG 10-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 25- ئىيۇل. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 10-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» يىغىنى 22-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا باشلاندى. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىللىي بىرلىك مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ پائالىيەت 23-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر، يازغۇچىلار، زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار بولۇپ، 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 

مەزكۇر پائالىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ 4 كۈن جەريانىدا «مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى»، «خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە كېڭەيمىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نۇقتىئىنەزەردىن دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراش»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتىلىدىكەن. يىغىن جەريانىدا ھەر بىر تېما ئۈستىدە ئورتاق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، سوئال-جاۋاپ شەكىلدە مۇنازىرە قانات يايىدىكەن، پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. 

پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى (كېڭىشى)» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان نۆۋەتتە مىللىي بىرلىكنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

يىغىندا يەنە مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور ئابدۇراخمان قەشقەرلى ئەپەندى مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مىللىي بىرلىكنى قانداق شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. 

ئۇ سۆزىدە مىللىي بىرلىك مەسىلىسىدە سىياسىي يېتەكچىلەرنىڭ ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىشى ۋە سىياسىي مەيداندىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل لازىملىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن داۋاسى مەسىلىسىدە سىياسىي پائالىيەت سىستېمىسىنىڭ چوقۇم قائىدە-تۈزۈم باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. 

دوكتور ئابدۇراخمان قەشقەرلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مىللىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن سىياسىي-ئىدىيە بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى، مىللىي بىرلىكنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ساغلام ئىدىيە تەربىيىسى، ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك تەربىيىسى، تەشكىلى تۈزۈم تەربىيىسى، ئورگان ۋە كوللېكتىپ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

دوكتور ئابدۇراخمان قەشقەرلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئويغىنىش شەرتلىرىنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئېڭىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش لازىم. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تولۇق ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ ياكى مۇستەملىكە ئىدىيىسىنى بىردەك رەت قىلمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزدە مىللەت خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى شەكىللەنمەيۋاتىدۇ.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئالىملار، سىياسىيونلار، بايلار، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە كۈرەشچىلەر ئۆزگەرمەس سىياسىي پرىنسىپ ئاساسىدا قاتتىق ئىنتىزام ئىچىدە بىرلەشكەندە ئاندىن بىر مىللىي توپلۇقنى ياكى دۆلەتنى قۇرغىلى بولىدۇ. تەشكىللىك كۈچ ئارقىلىق بېسىۋېلىنغان زېمىننى پەقەتلا تەشكىللىك مىللىي بىرلىك كۈچى ئارقىلىقلا قايتۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.» 

بۈگۈنكى يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىقتىساد فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشى»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك كېڭىشى»، «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى» دېگەن تېمىلاردا دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە ئېلىنغان قارارلار ۋە 4 كۈنلۈك يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنىدىكەن. 

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چۈشەنچە ۋە پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

بىز مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەسقەرجان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» دىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.