5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قەيسەرى تۈركىستان مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان قۇرئان كۇرسىغا ياردەم يىغىش ئۈچۈن يىمەك يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل تاماقلىرىنى كىشىلەرگە سېتىپ چۈشكەن پۇل شەرقىي تۈركىستان قۇرئان كۇرسىغا بېرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان قۇرئان كۇرسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە قەيسەرى ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى غالىپ قوچەر ئەپەندى، قوجاسىنان رايونلىق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ياھيا چانقايا ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى. قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 8 يىلدىن بېرى قەيسەرى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن قۇرئان كۇرسى ئېچىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۇرسقا تەتىلدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، باشقا ۋاقىتلاردا چوڭلار قاتناشماقتا. 1987 - يىلى قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن دىنىي مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
قەيسەرى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى غالىپ قوچەر ئەپەندى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، سىز قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
- خۇدا كىشىلەرنى ئەركىن ياراتتى. ئىنسانلار ياشاش، مال مۈلككە ئىگە بولۇش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. بۇنى دۇنيادا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چەكلىمەسلىكى كېرەك. كىم چەكلىسە، ئۇ زالىم بولىدۇ. ئاللاھ بۇ زالىملارنى كەچۈرمەيدۇ. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىمىز. ئاللاھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرسۇن.
8 يىلدىن بېرى، قەيسەرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى قۇرئان كۇرسىدا دەرس بېرىۋاتقان شەنگۈل خانىم، قۇرئان كۇرسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ھازىر بىزنىڭ 30 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر سىنىپىمىز بار. مەن بىرلا ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىۋاتىمەن. ئۇلار قۇرئان ۋە دىنىي مەلۇماتلارنى ئۆگەندى. بىر ھەپتىدىن كېيىن كۇرسنى پۈتتۈرۈپ دىپلوملىرىنى ئالىدۇ. 6 - ئايدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا كۇرس ئاچىمىز، 9 - ئايدا قايتا چوڭلارغا قۇرئان ۋە دىنىي مەلۇماتلارنى ئۆگىتىمىز. قىش كۇرسىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار 18 ياشتىن 75 ياشقىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ بولدى. ھەر كۇرس پۈتەي دېگەندە مۇشۇنداق كەرمەس - يەرمەنكە ئېچىپ، سېتىلغان يىمەكلەرنىڭ پۇلىنى قۇرئان كۇرسغا ئىئانە قىلىمىز.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئايشەم خان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
- بۇ يەردە قۇرئان كۇرسى ۋە تۈركىستان جامىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن كەرمەس ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. ھەممەيلەن قىلغان تاماقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە تارقىتىۋاتىدۇ. بىزمۇ جۈمە نامىزىدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلدۇق. مەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى تونۇيمەن. 7 - 8 يىلدىن بېرى قەيسەرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە ئالاھىدە ئورنى بار.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۆپ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. ھەم مۇسۇلمان، ھەم تۈركىي مىللەت بولغاچقا، باشقىچە ياخشى بولىدىكەن. ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق. 1965 - يىلىدىن تارتىپ قەيسەرىدە ئۇيغۇرلار بار. ئۆتكەن يىلى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر كەلدى. ئۇلارغا مەسچىت ۋە مەكتەپ سېلىپ بەردۇق. ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتىدۇ.