قىرىم ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە

0:00 / 0:00

قىرىم دائىرىلىرى 16-مارت كۈنى قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش، يەنى رېفېرېندۇم نەتىجىسىدە 96% ئادەمنىڭ قىرىمنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 17-مارت كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن پرېزىدېنت پۇتىن قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى خەلقئارا مىقياسىدا كۈچلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان قىرىم مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى يەنىلا ئۆتكۈر ھالەتتە تۇرماقتا.

قىرىم جۇمھۇرىيىتىدە رۇس، ئۇكرائىن ۋە قىرىم تاتار تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولىدۇ

18 -مارت كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا ئائىت قانۇننى تەستىقلىدى ھەمدە قىرىم جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە ۋە قىرىم رەھبەرلىرى قىرىم جۇمھۇرىيىتىنى رۇسىيەگە قوشۇشقا ئائىت شەرتنامىگە ئىمزا قويدى.

ۋلادىمىر پۇتىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە «قىرىمنىڭ ئىزچىل رۇسىيەنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە بىر قاتار مەسىلىلەر قاتارىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى توختالدى.

ۋلادىمىر پۇتىن سۆزىدە ستالىن تۈزۈمىنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خەلقلەرگە قاراتقان ھەيدەپ چىقىرىش سىياسىتىنىڭ بىر ۋەھشىيلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ تۈزۈمنىڭ زەربىسىگە تاتارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ، ئالدى بىلەن رۇسلارنىڭ مىليونلىغان كىشىلىرىنىڭ ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ، «قىرىم تاتار جامائىتى قىرىمنىڭ رۇسىيە تەركىبىگە قوشۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە قىرىم تاتارلىرىغا تىل ۋە باشقا ھوقۇقلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىرىمدا رۇس، ئۇكرائىن ۋە تاتار تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ھۆكۈمەت تىلى قوللىنىلىدىغانلىقى، ئومۇمەن تاتارلارغا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ئانالىزچىسى ستانىسلاۋ بېلكوۋسكىي ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ سۆزىنىڭ غەربكە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە تۈركىيەگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقى، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن تاتارلارغا ئېيتىلغاننى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارالىق ئىنكاس

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىق ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئالدى بىلەن ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇنى ئەيىبلىدى. ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسۇنوك ۋە پرېزىدېنت تۇرچىنوف سۆز قىلىپ، رۇسىيەنى ئەيىبلىدى. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە بىلەن قىرىم ئارىسىدا ئىمزالانغان قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش شەرتنامىسىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ قىرىمغا ھەربىي تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى ئەيىبلەپ، بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دەۋىد كامېرون قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن «رۇسىيەنىڭ رۇسىيە قوراللىرى ئاستىدا ساختا رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق ۋاسىتە قوللىنىپ، ئۆز چېگراسىنى ئۆزگەرتىشى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باراك ئوباما قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاشنى قانۇنسىزلىق بىلە تەنقىد قىلدى شۇنىڭدەك رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئېمبارگو قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.18- مارت كۈنى پرېزىدېنت ئوباما قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشىدا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان يەتتە نەپەر رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا رۇسىيە، سابىق ئۇكرائىنا ۋە قىرىم رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 11 ئادەمگە ئېمبارگو قويغان. ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش ئۈچۈن ۋىزا بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ پاي چەكلىرىنى توڭلىتىش بېكىتىلگەن. ئوباما يەنە ئامېرىكىنىڭ باشقا تولۇقلىما ئىمبارگولارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاق ساراي باياناتچى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىمبارگوسى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئەمما، ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا قانداق ئىقتىسادىي ئېمبارگو قوللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق رەسمىي ئۇچۇر مەيدانغا چىقمىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پولشانى زىيارەت قىلىپ، پولشا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىگىلىۋالغانلىق مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىۋا ۋە لاتۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بايدىننىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى بالتىق بويىدىكى رۇسىيەنىڭ قوپال ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەم پولشانىڭ ئەگەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە پولشانىڭ ئۇكرائىنادىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، بۇ دۆلەتلەر ناتو نىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ئامېرىكىمۇ ئوخشاشلا ناتو نىڭ ئەزاسىدۇر.

يېڭى ئۆزگىرىشلەر

قىرىم رەسمىي تۈردە رۇسىيەگە قوشۇلغانلىق ھەققىدە رۇسىيە تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن تەڭ قىرىم ۋەزىيىتىدىمۇ بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

18-مارت كۈنى قىرىم تاتارلىرى 3-مارت كۈنى تۇيۇقسىز غايىب بولغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى 38 ياشلىق رىشات ئامەتوف نىڭ جەسىتىنى تاپقان بولۇپ، 18-مارت كۈنى سىمفېرېپول شەھىرىدە قىرىم تاتارلىرى جامائىتى رىشات ئامەتوفنى دەپنە قىلغان.

قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان رىشات ئامەتوف قىرىم تاتارلىرى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ، قىرىمنى ئۇكرائىنانىڭ تەركىبىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قۇربانى ھېسابلىنىدۇ.

ئازادلىق رادىئوسى تاتار بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-مارت كۈنى تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدە قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ كىشى تەبرىكلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، قىرىمنىڭ باسقان قەدىمىنى قوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى قىرىم تاتارلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاتارىستان پرېزىدېنتى ۋە بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى ئارىغا سالغان ئىدى.

رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ ئىككىنچى كۈنى، يەنى، 19-مارت كۈنى يەنە قىرىمدىكى ئۆزىنى قوغداش كۈچلىرى دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا ئۇكرائىنانىڭ سېۋاستوپول،يەنى ئاقياردا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ يەرنى ئىگىلىۋالغان. ئازادلىق رادىئوسى تاتار بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلۈك خەۋىرىدە موسكۋا تەرەپدارلىرى دەپ قارالغان بۇ كىشىلەرنىڭ، دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى جايلاشقان ئورۇنغا بېسىپ كىرگەنلىكى ھەمدە بۇ يەردىكى ئۇكرائىنا بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رۇسىيە بايرىقىنى چىقارغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سېۋاستوپولدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئادمىرال سېرگېي گايدۇك ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە بازىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن.

ئۇكرائىنا ھەربىيلىرى بازىغا بېسىپ كىرگەن كىشىلەرگە ئوق چىقارمىغان بولۇپ، ئۇلار بازىنىڭ دەرۋازىسىنى بۇزغانلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ بارلىقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئوق چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، سەيشەنبە كۈنى قىرىمنىڭ مەركىزى سىمفېرېپول شەھىرىگە جايلاشقان بىر ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قىرىمدىكى ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىغا ئەگەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. ئەمما، چارشەنبە كۈنىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ئوق چىقارمىدى، نەتىجىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقمىدى.

شۇ كۈنى ماسكا تاقاپ ئۆزلىرىنى قوغداش ئەترىتى دەپ ئاتىغان كىشىلەر رۇسىيە قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يەنە قىرىمدىكى نوۋوئوزېرنوي دېگەن جايغا جايلاشقان ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بازىسىغا بېسىپ كىرگەن. بۇ يەردىكى 50 ئەتراپىدىكى ئۇكرائىنا ھەربىي خادىمى بازىدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە بۇ يەرگە رۇسىيە بايرىقىنى ئېسىلغان.