ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا قىرىم تاتارلىرى مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا
2014.03.14
ياپونىيەدە چىقىدىغان يومىئۇرى گېزىتىنىڭ 11 - مارت سانىدا «قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى تاتارلار ئۈچۈن مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ئورنىنى ھازىرلاپ قويدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلغان.
ماقالىدە دېيىلىشىچە قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سېرگېي ئاكسيونوف رۇسىيە ئاخباراتلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ تاتارلار ئۈچۈن مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ئورنىنى ھازىرلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سېرگېي ئاكسيونوف مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۆزىنىڭ تاتار تىلىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
يومىئۇرى گېزىتىدە باش مىنىستىر سېرگېي ئاكسيونوف سۆزىدە، تاتارلارنىڭ قىرىمدىكى ئېتنىك خەلقلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا قىرىمنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تاتارلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قىرىم مەسىلىسىدە غەلىبە قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە «قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرىنىڭ قارىشىچە بولسا، قىرىمدىكى ھۆكۈمەتنىڭ كابېنت ئەزالىقىغا ۋە شۇنداقلا ھەر بىر مىنىستىرلىققىچە تاتارلارنى قوبۇل قىلىش،تاتارلاردىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەلگىلەش، قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلىرىدىن تاتار خەلقىمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن. ماقالىدە باش مىنىستىر سېرگېي ئاكسيونوفنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى رۇس تىلىدا ۋە ياكى تاتار تىلىدا سۆزلىسۇن، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن قەتئىي پەرقلەندۈرۈپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا «تاتارلار بولسا قىرىمدىكى يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەردىن بىرى، ئۇلار سابىق سوۋېتلەر زامانىسىدا كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن قىرىمنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ» دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى 16 - مارت كۈنى ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قىرىمنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇشى ھەققىدە قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تاتارلارنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتناسماسلىق ئېھتىمالىققىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە قىرىمدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت شەرق ۋە جەنۇبتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يومىئۇرى گېزىتىدە ھازىر قىرىمدا رۇسىيەگە يېقىن تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئاساسلىقى شەرق ۋە جەنۇبتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرىمدىكى رۇسىيەگە قوشۇلۇش تەرەپدارلىرى بولغان بىر قىسىم جايلاردىكى كىشىلەر قىرىمنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ، نامايىش ئېلىپ بېرىپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋېلىپ، بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە رۇسىيە بايرىقىنى تاقاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ قىرىم تاتارلىرى مەسىلىسى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان نىشى نىپپون گېزىتىدە 11 - مارت «ئۇكرائىنانىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىن مۇستەقىللىق ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ئۇكرائىنانىڭ ھەممە يېرىدە رۇسىيەگە قوشۇلۇش ۋە قوشۇلماسلىق ھەققىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم يەرلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مىڭلارچە كىشى نامايىش قىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى ھىمايە قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇكرائىنادىكى بەزى بىر سىياسىي كۆزەتكۇچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى رۇسىيەنى قوللاش خاراكتېرىدىكى نامايىش ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ پۇتىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر تۇتاش پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي مۇدىئادىكى ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسكدا يەتتە مىڭ كىشى توپلىنىپ پۇتىننى قوللاش نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقىنى،نامايىشچىلار قوللىرىدا رۇسىيە بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ «پۇتىن! پۇتىن!» دەپ ئۈنلۈك ھالدا شۇئار توۋلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ماقالىدە ئۇكرائىنادىكى ئودېسسادا بولسا مىڭلارچە كىشىنىڭ توپلىنىپ مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى لۇگانسكدا ئۈچ مىڭ كىشى توپلىشىپ رۇسىيەنى قوللاش نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، نامايىشچىلار بىلەن رۇسىيەگە قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، رۇسىيەنى قوللىغۇچى تەرەپدارلار ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلەپ، ئۆزلىرىگە يېڭى رەھبەر تىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە رۇسىيەنى قوللاش نامايىشىغا كۆپلىگەن رۇسلارنىڭ ئاپتوبۇسلار بىلەن رۇسىيەدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى، لۇگانسك ۋە ئودېسسا شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 24% قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە ھازىرقى قىرىم ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىدىن ۋە شۇنداقلا يول - يوللارغا قويۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن قىرىمغا يىمەكلىك يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكى،ئۇكرائىنا ۋە قىرىمدىكى سىياسىي ئويۇنلاردا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان قىرىم تاتارلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى بەزى سەۋەبلەر توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.