رابىيە قادىر خانىم ميۇنخېندىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جەنۋەگە قاراپ يولغا چىقتى

0:00 / 0:00


د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گوللاندىيەدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ 4 كۈندىن بېرى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى بىلەن ئارقا ئارقىدىن يىغىن ئۆتكۈزۈپ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 26 - نۆۋەتلىك ئىنسان ھوقۇقلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى قايسى يوللار بىلەن قانداق قىلىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە، ياۋروپا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش توغرىسىدا پىلان ۋە پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىققان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۆۋەندە بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىمىز.