رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت گېرمانىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.04.30
rabiye-qadir-milliy-gorush-germaniye-2016.jpg رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» نىڭ مەركىزىدە
RFA/Erkin Tarim


د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 28 - ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ كۆھن شەھىرىدىكى «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» نىڭ مەركىزىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش سېكرېتارى بېكىر ئالتاش، تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن ئالىي قىزىلقايا قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتى. ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خۇسۇسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمى ئۈستىدە توختالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە 2015 - يىلى 1 - ئايدا قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلاتقان.

ئۇلار يەنە «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» دىن تايلاندتا تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان 52 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ۋە تۈركىيەدە قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىلىرىنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» باش كاتىپى بېكىر ئاتلاش ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر سۈپىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دەيدىغانلىقىنى، قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ تۈركلەرنىڭ مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ياۋروپا ساياھىتىدە يەنە گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىگە بېرىپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى» مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.