رابىيە قادىر خانىم: رامىزان ھارپىسىدا دۇنيانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.06.17
Xelqara-kechurum-teshkilati-iptar-ramizan-uyghur.jpg خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللاش ئۈچۈن بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە سۆز قىلدى. 2014-يىلى 9-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA


بۇ يىل رامىزان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئوخشاشلا ئىنتايىن نازۇك بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىر خانىم 17‏-ئىيۇن رادىيومىزدا رامىزانلىق سۆھبەت ئېلان قىلىپ، دىنىي چەكلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمانى، ئىرادىسىنى كۈچەيتسە كۈچەيتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى سۇندۇرالمايدۇ، دېدى. ئۇ، بۇ سۆزنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى.

رابىيە قادىر: مەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيمەن ھەم ئۇلارغا يالقۇنلۇق سالام يوللايمەن. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتقان، تۈرمە ئىچى-تېشىدىكى ، ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك رامىزانلىرىنى تەبرىكلەيمەن.
30 كۈن رامىزاننى شۇنداق ياخشى تۇتۇشىنى، 30 كۈن رامىزاندا ئاللاھتىن تىلىگەن تىلەكلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجابەت بولۇشىنى، شۇ قاتاردا تۈرمىدە يېتىۋاتقان، ئەركىنلىككە مۇھتاج بولۇۋاتقان، دۇنيادا سەرگەردان بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇ رامىزاندا تىلەكلىرىنى تىلەپ، شۇلارنىڭ ساق-سالامەت ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ چىقىشىنى، ئۆز ماكانلىرىنى تېپىشىنى، پۈتۈن مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى سورايمەن.

مۇخبىر: يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان بەزى بەلگىمىلەرگە قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئىبادەت پائالىيىتى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. مەسىلەن، رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدە ئىبادەتكە ئالاقىدار شۇنداق كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. سىز بۇلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

رابىيە قادىر: بۇ بىر چەكلىمە. لېكىن بۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ روزا -رامىزانىمىزغا، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاللاھغا بولغان تەلپۈنىشىگە ياكى خەلقىمىزنىڭ رامىزانغا بولغان ھۆرمىتى، ئېتىقادى، روزا تۇتۇشىغا ھەرگىز توسالغۇ بولالمايدۇ.
چۈنكى، ئۇ تۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ شۇنچىلا زۇلۇم سالغان تەقدىردىمۇ، بىر زالىم دىكتاتور ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ رامىزاندا ئاشۇنداق قوشلاپ قىيىنچىلىقلار بىلەن، قوشلاپ ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە قوشلاپ بېسىملار بىلەن رامىزاننى قارشى ئېلىشى، ئۇلارغا ھەسسىلەپ ساۋاپلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىدە تۇتقان رامىزانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزاندا كۈندۈزى ئېچىلمىغان رېستۇران-ئاشخانىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. بۇ خىل ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتى نۇقتىسىدىن قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ جەمئىيەتكە؟

رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادىنى چەكلىيەلمەيدۇ. خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان بۇ زۇلۇمى، بۇ تېتىقسىز قىلىقى، بۇ سىياسىتى خەلقنىڭ روھىنى كۈچلەندۈرىدۇ، غەيرىتى، ئېتىقادىنى ئاشۇرىدۇ، ھەرگىز خەلقنىڭ ئىرادىسى، ئېتىقادىنى چەكلەپ قالالمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ناھايىتى خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مەيلى ئاشخانىنى ئاچقۇزسۇن، مەيلى ھاراقنى خەلقنىڭ بېشىغا ئېلىپ كېلىپ تۆكىۋەتسۇن، مەيلى خەلقنىڭ جەينىمازلىرىنى تارتىۋېلىپ ئىككى قولىنى باغلاپ قويسۇن، خەلقنىڭ قەلبىنى ئاللاھ چۈشىنىدۇ. خەلق ئۆز قەلبىنىڭ، ئۆز ئېتىقادىنىڭ، ئۆز ئەركىنلىكىنىڭ، ئۆز ئىمانىنىڭ ئارقىدىن ماڭىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ھېساب بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن مۇقىملىقنى تەكىتلەۋاتىدۇ. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، رامىزان ئېيىدا خەلقنىڭ كۈندىلىك كونكرېت دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قول تىقىۋاتىدۇ.  بۇ ئەھۋال ئۆز ‏- ئارا زىدىدىيەتتەك قىلامدۇ، قانداق؟

رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق دېگىنى مۇتلەق يالغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاق ، خاتىرجەم ئۆتۈشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ. مۇقىمسىزلىقنى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇ ھەم ئۇيغۇر خەلقىنى غىدىقلايدۇ ھەم ئۇرۇش، جىدەل -ماجىراغا چاقىرىدۇ ھەم ئىنتىقام ئېلىشقا چاقىرىدۇ.

مۇخبىر: رامىزان مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا ئاللاھغا ئەڭ يېقىنلىشىدىغان، روھىي دۇنياسى كۈچلىنىدىغان ئىبادەت ئېيى. مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئايدا كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغان بولدى. ئۆتكەن يىلى يەكەندە ئېلىشقۇ ۋەقەسى يۈز بەردى رامىزاندا، بۈگۈن شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا ساقچىلار بىر ئۇيغۇر بالىنى ئېتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇققا باغلايدىغاندەك بىشارەت بېرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەگە نېمە دەيسىز؟

رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بىكاردىن-بىكار قاتناش بىكەتتە بىلەت ئېلىۋاتقان بىر بالىنى ساقچىلىرىنى چىقىرىپ، بوزەك ئېتىپ، ئۇرۇپ تىللاپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بالا بىر چالما ئېتىپ قويسا ئېتىپ تاشلىدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روزا ‏- رامىزاندا ئۇيغۇر خەلقىغە بەرگەن سىگنالى. قوزغال، سەن بىلەن بىز سوقۇشىمىز، دەپ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇرۇش،ماجىراغا چاقىرغانلىق. مەقسىتى رامىزاندا جىدەل-ماجىرا پەيدا قىلىش. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ بىر بالا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىغە جاۋاب بەرسۇن. مەن پۈتۈن دۇنيانى شۇنىڭغا چاقىرىمەن. مۇشۇ ئېتىلغان بالىنىڭ سورىقىنى قىلىش پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سورىقىنى قىلىش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە قاراپ تۇرماسلىقىنى، دۇنيانىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يەنە، بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، رامىزاندا بەزى دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن.

جىڭ ناھىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ناھىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئاشخانا ۋە رېستۇرانلارنىڭ كۈندۈزى تىجارەت توختاتماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مارالبېشى ناھىيەسىدە، پارتىيەلىك كادىرلار دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، رامىزاندا روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئاغزاكى ۋە يازما تىل خەت بەرگەن.




پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.