رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىتوكھولىمغا يىتىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2014.03.24
rabiye-qadir-shwetsiye-parlament-2014.png رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسىيە سەپىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ihsan

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم جەنۋەدىكى يىغىننى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتۇرۇپ، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 21 - مارت كۇنى چۇشتى كېيىن شۋېتسىيەگە يېتىپ كەلدى.

شۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئايرودرومغا چىقىپ خانىمنى قىزغىن كۈتىۋالدى.

شۋېتسىيەدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئاننېلىيە ئېنىكسۇن خانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن شۋېتسىيەگە كەلگەن رابىيە قادىر خانىم 25 - مارت كۇنى شۋېتسيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسىيە سەپىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.