ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ ئىپتار پائالىيىتى باشلاندى
2016.06.13
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان رامىزان ئېيىدىكى تۇنجى قېتىملىق كوللىكتىپ ئىپتار پائالىيىتىدە جەم بولدى. دوستلۇق ۋە ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتىگە تويۇنغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە تائام ۋە سەمىمىي رامىزانلىق تىلەكلەر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىغا ھەر خىل يوللار بىلەن كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ھەرقايسى شەھەرلەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىرقەدەر مەركەزلىك ئورۇنلاشقان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئېنىق بولمىغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلغان ۋىرجىنىيە ۋە قوشنا شىتاتلاردا ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر توپلۇقىنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا مۇھىم پائالىيەت كۈنتەرتىپلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تېخى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى ۋە رەئىس سايلىمىدا جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. مانا مۇشۇ جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 11 - ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە رامىزان ئېيىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىپتار زىياپىتى ئۇيۇشتۇردى.
بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكس شەھىرىدىكى ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئائىلە بويىچە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىر قېتىملىق جەم بولۇش پائالىيىتىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەچ بىرلىكتە ئېغىز ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جامائەت بولۇپ شام نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ چەتئەللەردە ھىجرەت ۋە ۋەتەنسىزلىك ئىزتىراپىدا يۈرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۆز - ئارا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئېگە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىپتار پائالىيىتىدە ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئاشپەزلىرىدىن مۇسا تەييارلىغان ئۇيغۇر پولۇسى ۋە بىر قىسىم ئائىلىلەر تەييارلاپ كەلگەن تاماقلار تارتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۇرئەت ئوبۇل سۆز قىلىپ، بىرلەشمىنىڭ مۇشۇ رامىزان ئېيىدا ھەر شەنبە كەچتە ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ۋاقتى يار بەرگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ھەيئەت ئەزاسى مېھراي مەمتىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە خانىم - قىزلار ئۈچۈنمۇ بىر قېتىملىق رامىزانلىق جەم بولۇش بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۈرئەت ئوبۇل بۇ ھەقتە توختىلىپ، ۋاشىنگتون ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بېرىشىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقانلىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئاخىرىدا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن روشەن ئابباس ۋەتەندىكى رامىزانلىق چەكلىمىلەر ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر مەلۇم بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خوشاللىق بولغان بولسىمۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ رامىزانلىق ئەھۋالى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئاخباراتلىرى ھەمدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئىچىدە داۋام قىلىۋاتماقتا ئىكەن.