ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.08.09
putin-erdoghan-rusiye.jpg تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا. 2016-يىلى 9-ئاۋغۇست، رۇسىيە.
AFP

تۈرك بىلەن رۇس مۇناسىۋىتى قەدىمى تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىدا رۇس ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ بىر رۇس ئەسكىرى ئۆلگەن، بىرى قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەر توختاپ، ئىككىلا دۆلەت زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋىزا بىكار قىلىنىپ، كۆپ ساندا تۈرك شىركەتلىرى رۇسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىنغا خەت يېزىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى نورماللىشىشقا باشلىغان ئىدى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىن پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۇچرىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

پۇتىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كرىزىستىن بۇرۇنقى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

ئارقىدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن پۇتىنغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن يەنى ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى شۇنداقلا كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەزى توختامنامىلەرنى تۈزدۇق. بۇ قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلايمىز.»

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باياناتىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 50 مىليارد دوللاردىن 28 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سىيامەنت قاچماز ئەپەندى س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيەسىگە بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا تىجارىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رۇسلار بىزگە ئوخشاش نۇقتىلىق ھالدا تىجارىي مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككىنچى مۇھىم تېما بولسا ئېنېرگىيە بولدى.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى تۈركىيە ساياھەت دۆلىتى بولۇپ، ھەر يىلى گېرمانلاردىن قالسا تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر رۇسلاردىن تەركىب تاپقان، تۈركىيە تەبىئىي گازىنىڭ كۆپىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ. تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلاتتى. ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيانغا ئۇچرىغاچقا، ئۇچرىشىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلەرمۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سۈرىيە مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلمىگەن بولۇپ، 9-ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا چاقىرىلىدىغان تەرەققىي قىلغان 20 دۆلەت يىغىنىدا پۇتىن بىلەن ئەردوغان يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.