سان فرانسېسكودىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
مۇخبىرىمىز ئىلتەبىر
2013.07.05
2013.07.05
Photo: RFA
ئۇچىسىغا ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىۋالغان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەتەنسۆيەرلىرى 5 - ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
جاراڭلىق شۇئارلىرى بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيىدىكى ۋەكىلى، نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نەق مەيداندىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.