قازاقىستان سوتى قازاقىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن سايراگۈلنى قويۇپ بەردى
2018.08.01
1-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 2 ئايدىن بۇيان «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇك قاتارلىقلارغا يوللانغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن سايراگۈل خانىم ئايلاردىن بۇيان نامايىش قىلىۋاتقان قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرمەي قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتى بەرگەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنت نازاربايېفقا ئالاھىدە تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن.
سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن قازاق پائالىيەتچىلىرىدىن سېرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
سېرك ئەپەندى سۆزىدە شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ سايراگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئاپتوموبىل بىلەن ئالمۇتا شەھىرىگە قايتىش سەپىرىدە ئىكەنلىكىنى، يول-يولدا توختاپ سايراگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەشكە كەلگەن قازاق قېرىنداشلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يولدا نۇتۇق سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ قازاق قېرىنداشلارنى ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ جاز لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا دەۋەت قىلىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.
1-ئاۋغۇست كۈنى سايراگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالىي مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلغان سايراگۈل خانىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەي، قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشقا قويۇپ بېرىلىشى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىق ئورناتقان قازاقىستاندا بۇندىن كېيىن ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا تارىخىي بىر بۇرۇلۇشنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سايراگۈل خانىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماستىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ بۇنى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك جەھەتتىن قانداش بولغان قازاق قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىققانلىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئۆزىنىڭ تور بېتىدە سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە قازاقىستان سوتىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتباينى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەي، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشىشىغا يول قويغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، سايراگۈلنىڭ ئېرى ۋە ئىككى بالىسى قازاقىستان پۇقراسى ئىكەن. بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ بارغان سايراگۈل ساۋۇتباي 21-ماي كۈنى «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئىككى ئايدىن بۇيان ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان سوتتا سايراگۈل ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ بىرىدە خىتاي تارىخىدىن دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەرياندا ئاشۇ لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەنە ئۆزى ئاشكارىلىغان ئەھۋاللارنىڭ خىتاينىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.