شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى ئىچكى موڭغۇلدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.08.19
shanghai-hemkarliq-305.png خىتاي باش بولۇپ قۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمى ۋە كۈزەتچى ئەزالىرى
Wikimedia Commons


خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تىنچلىق بۇرچى - 2014» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاي قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىدا تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنىڭ جىددىي تەييارلىق خىزمىتىنى قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ مانېۋىرغا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىدىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋرىنىڭ مەقسىتى كۆپ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزئارا مەخپىي ئاخبارات ئالماشتۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن ئىچكى موڭغولىيەگە ھەربىي ۋە قورال - ياراق يۆتكەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. مانېۋىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، يۈك - تاق ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە بىرونېۋىكلەر قاتناشتۇرىلىدىكەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلقى ھەربىي مانېۋىرى رۇسيەنىڭ ئۇرال رايونىدىكى چېليابىنىسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋرىنى ئىچكى موڭغولىيەدە ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەپ نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك راستىنلا بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان تېررورىزم بارمۇ؟ بۇ ھەربىي مانېۋىر ئۇيغۇر خەلقىغە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەن سوئاللار بويىچە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرى ۋە تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.