«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ تەييارلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ


11 - ئاۋغۇست مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شۆبە ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئاساسلىقى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق جەريانى، خىزمەت تەقسىماتى، يىغىننىڭ مەقسىتى، ئاساسىي مەزمۇنلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بىر تۈركۈم قارارلار ئېلىندى. نەتىجىدە 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنغا «خەلقئارالاشقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىستراتېگىيەسى»، دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسلامى پىكىر تەشنالىقى»، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى»، «خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە قاراتقان خىزمەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدىكى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى»، دېگەنگە ئوخشاش بەش تۈرلۈك تېما ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

يىغىندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىلار بويىچە ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىنىدىكەن، پىكىر بايان قىلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەزمۇنلار، يىغىننىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن پەرقلىنىدىغان جايلىرى، مەقسىتى شۇنداقلا ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.