باش ۋەزىر شىنزو ئابېي خىتاينىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.09.04
yaponiye-shinzo-abe-xitay-parat.jpg «شۇ كان شىن چاۋ» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدا «باش ۋەزىر شىنزو ئابېي ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى» ناملىق ماقالە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «شۇ كان شىن چاۋ» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدا «باش ۋەزىر شىنزو ئابېي ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە:«يېقىندىن بۇيان ياپونىيە ھۆكۈمىتى "تىنچلىق قانۇنى" غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا جىددىي تالاش - تارتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، شىنزو ئابېي يېقىندا ئۆزىنىڭ 3 - سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، 3 - سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابېي بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئابېي خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلغان.

بىر قىسىم ياپونىيەلىك سىياسىي ئانالىزچىلار ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن:«ئابېي، شى جىنپىڭنىڭ بىر مەيدان سىياسىي ئويۇنىنى ئۇستىلىق بىلەن بۇزدى» دەپ باھا بەرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ مۇراسىمغا ئابېينى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەڭگۈچى، ئابېينىڭ يېڭىلگۈچى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا نامايەن قىلماقچى ئىكەن.

خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشى ئۇنىڭ قانداقتۇر تىنچلىقنى سۆيگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى دۇنياغا كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن دەپ قارىلىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە :«ئىلگىرىكى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا خىتاي تەرەپ دائىم ياسۇكۇنى مازارلىقى، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر قاتار نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە ياپون تەرەپكە ئىزچىل شەرت قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ئابېينى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىشتا بۇنداق سىياسىي شەرتلەرنىڭ ھېچقايسى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەتلا ئابېي مۇراسىمغا ئىشتراك قىلسىلا، شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» دەيدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگە قەدەر ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تانى ئۇچى بېيجىڭدا خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئابېينىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە ياپونىيە تەرەپ ئابېينىڭ خىتايدا 4 - سېنتەبىرىدىن باشلاپ زىيارەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭنەنخەي بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن.

ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئىشىھىرا ئابېينىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتقا قاتناشمىغانلىقىغا ئاقىللىق دەپ باھا بېرىپ :« ھازىر خىتاينىڭ پايچەك بازىرى كاساتلاشقان،پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپى تولۇپ تاشقان بىر پەيتتە، كومپارتىيە ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنىڭ نىشانىنى بۇراش ئۈچۈن ئابېينى ھەربىي پاراتقا تەكلىپ قىلىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغان ئىدى. بىراق، بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى» دەيدۇ.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتقا 50 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ياۋروپادا چېخدىن باشقا دۆلەت بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 6 - ئاۋغۇست تور بېتىگە قويۇلغان ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى سىنئالغۇ لىنتىسىدىكى پۈتكۈل كۆرۈنۈشلەردە جەڭچىلەرنىڭ سېنكاكۇ، فىللىپىن ئاراللىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مەشىق ۋە مانېۋىرلىرى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى 8 - ئاۋغۇستىكى پروگراممىسىدىمۇ پۈتۈنلەي خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۆزى بىلەن قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئارال ماجىراسىنى، مەملىكەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمدىلىكتە دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى قىلمىشلىرىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى مۇزېيخانىسىنىڭ يېنىغا يۈز مىليون دوللار سەرپ قىلىپ سېلىنىۋاتقان «ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى خاتىرە سارىيى» نىڭ 3 - سېنتەبىر رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى بۇ خىلدىكى خاتىرە سارايلىرىدىن چوڭ - كىچىك جەمئىي 29 نىڭ سېلىنغانلىقىنى، خىتايدا ھازىرغىچە مىڭدىن ئوشۇق خاتىرە ساراينىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياپون قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش سارىيى يالغۇز خىتايدىلا ئەمەس، بۇ يىل 15 - ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىدىمۇ بىرسى ئېچىلغان بولۇپ، بۇنى ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر ئايال فولورىست فان سالدۇرغان. ئەمىليەتتە بۇ ھاۋايغا ياپون ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلۈپ كەتكەن ئامېرىكىلىقلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن دەپ ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق خاتىرە سارىيى ئىچىگە پۈتۈنلەي ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بوزەك قىلغان سۈرەتلەرنىڭ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۇرىنا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېينىڭ بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئابېينىڭ بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئويۇنى. ئابېنىڭ رەت قىلىشى تولىمۇ دانا ئىش بولدى. خىتايدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلمىغان،ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر باستۇرۇلۇۋاتقان بىر دېكتاتور دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراتىغا قاتنىشىشىنىڭ ئۆزى شۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللىغانلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.