شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانغا تەلەپ خېتى سۇندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.03.27
gulshen-shiwetsiye گۈلشەن خانىم ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىماقتا
Photo: RFA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلغان رەسمىي ئىستاتېستىكىلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تەخمىنەن 4 مىليون ئەتراپىدا تۈرك بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت ئىكەن. بۇلاردىن بىرى «ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى»دۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۋېتسىيەگە زىيارەتكە بارغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى گۈلشەن ئورخان خانىم شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىنمۇ ھال سورىغان.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن  ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار» ماۋزۇلۇق دوكلات بىلەن تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغان ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماس پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى گۈلشەن ئورخان خانىمغا تاپشۇرۇلغان.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشىمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادەم غالىپ ئەپەندى، گۈلشەن ئورخان خانىمنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەدەنىيەت مەركىزىدە كۈتۈۋالغانلىقىنى ۋە ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادەم غالىپ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى گۈلشەن ئورخان خانىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز»لىرىگە قامىلىشى مەسىلىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئەيىبلىشى بىلەن تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، يازما ئىلتىماس سۇنغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسى ھەل بولماي كەلمەكتە. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇپ كەلمەكتە.

ئادەم غالىپ ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن يازما ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى تەييارلاپ گۈلشەن ئورخان خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالغان.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تاشقى سىياسىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى گۈلشەن خانىم تەلەپ خېتى ۋە دوكلاتنى ئالغاندىن كېيىن، بۇلارنى چوقۇم پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل تەلەپلىرىنى تۈركىيە رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈشىنىڭ پايدىسى بولارمۇ؟ تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن بۇنداق تەلەپلەر ئەنقەرەگە كەلسە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم شىۋېتسىيەگە بارغان تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى شۇ دۆلەتلەردىكى تۈرك ئاممىۋى جەمئىيەت ۋە جامائىتى بىلەن يېقىن ئالاقىلارنى ساقلاپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.