تەيۋەن دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما تەييارلىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.03.03
teywen-uyghur-dostluq-jemiyiti-lin-bawxua.jpg تەيۋەندىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن لىن باۋخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى پويىز ئىستانسىسىدا جىم ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 11-يانۋار، تەيبېي.
Photo: RFA


1 - مارت تەيۋەن دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما تەييارلىغان. مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، 2014 - يىلىدىكى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. رادىئو سۆھبەت پروگراممىسىغا تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم كودېرىك ئىشتىراك قىلغان

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم كودېرىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر سائەتلىك پروگرامما تەييارلىغان.

بۇ قېتىمقى رادىيو سۆھبەت پروگراممىسىغا تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى نۇزۇم كودېرىك ئۆزى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

رادىيو پروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى قىسىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

پروگراممىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولسا، ئاساسلىقى 2014 - يىلى ۋېيتنام، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى جۈملىدىن تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىنكى تەغدىر - قىسمەتلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورالغان.

سۆھبەت پروگراممىسىدا تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم كودېرىك يۇقىرىقى مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ئۆزى ئالدىن ئەتراپلىق تەييارلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن جاۋاب بەرگەن.

شۇنداقلا رادىيو سۆھبەت پروگراممىسى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

نۇزۇگۇم كودېرىكنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇ خىلدىكى سۆھبەت پروگراممىسىنى ئىشلىشى يېقىندىن بۇيانقى تۇنجى ئىش بولۇپ ئۇ،بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەن شۇنداقلا بۇنى تەيۋەندىكى ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىدىن كېيىن يېڭىدىن تەختكە چىققان دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، تەيۋەن يېڭى پرېزىدېنتى سەي يىنۋېن ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە تۇتقان ئۆزگىچە مەيدانى دەپ قارىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،تەيۋەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس رادىيو پروگراممىسىنىڭ ئىشلىنىشىنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ياخشى باشلىنىش ۋە يېڭىچە قەدەم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە يەنى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بېيجىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن، تەيۋەندە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىگە يول قويۇلمىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختارجان ئابدۇراخمان تەيۋەندە 1960 - يىلىدىن 1980 - يىللارغىچە ئۇيغۇر، خىتاي تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىلدا « خانتەڭرى» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخىي توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.