تايلاندتىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىكىگە ئاۋاز قوشقان سانسىز پىداكارلار ئىچىدە ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ بار. ئۇ ئۆتكەن يىلدىن ھازىرغا قەدەر تايلاندقا كۆپ قېتىم بارغان ۋە ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان.
ئىگىلىشىمىزچە، يىللاردىن بېرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى تايلاندقا قىلغان 9 - قېتىملىق سەپىرىدە 17 - ئىيۇل تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يېغىنغا قاتنىشىپ، تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان.
روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يېغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تايلاندىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆلىمالىرى، تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پائالىيەتچان ئاكتىپلار قاتناشقان. يېغىندا تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بىر بىرلەشمە گۇرۇپپا قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يېغىنغا قاتناشقان تايلاندلىقلار ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورۇغان، خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە ھازىرغا قەدەر مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىنمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئېلى ئەپەندىم ھېيت نامىزىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ئاڭلاتقاندا، تايلاند مۇسۇلمانلىرى كۆز يېشى قىلىپ، كۈچلۈك دۇئالىرى بىلەن ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، بۇ يىل كىرگەندىن تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى يېغىۋالغانلىقىدىن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانى بولمىغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەسلى كىملىكى ۋە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانسىز بولغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ھېلىھەم تايلاندتا خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭ روزا ھېيت بايرىمى ئائىلىسىدىن ئۇزاق بىر ماكاندا ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايدۇ، ئۇ يىللاردىن بېرى تۆلەۋاتقان بەدەللەرنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.