ياۋروپا پارلامېنتى: «تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.06.27
yighin-tehdit-astida-qalghan-insanlar-01.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىنسانلار» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 26-ئىيۇن. بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

ياۋروپا پارلامېنتىدا تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىلەن «ياۋروپا خەلق پارتىيەسى» نىڭ ھەمكارلىقىدا 26-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چەكمەكتە» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر بۆلۈك پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ بەزى ئەزالىرى، تەتقىقاتچىلار، سىياسىيونلار ھەمدە بېلگىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىيو ماسسىمو ئەپەندى تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى لۇسىيە خانىم يىغىن مۇقەددىمىسىدە بۇ تەبرىكنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. 

تەبرىكنامىدە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «. . . مەن بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مۇھىم تېما دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە تىبەتلەرنى چەكتىن ئاشقان دەرىجىدە باستۇرۇشىدۇر. مەن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن كۆپ ئەندىشە قىلماقتىمەن. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى شىنجاڭنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى يېرى شۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىكنى قوغداش باھانىسىدە 100 مىڭلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە قىيناش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، ئىسلامى تۇيغۇلىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان تەرىپى بولسا-بىز خىتاينىڭ مۇستەبىت قىلمىشلىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان تۈرلۈك گۇرۇپپىلار، ئۇ ن پ ئو ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىريۇسسېلدا نامايىش قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. . .»

تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا يىغىننىڭ مەقسىتى «ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي يوسۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىش ۋە ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات تەقدىم قىلدى.

يىغىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېتنو-مۇزىكا بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى راچېل ھاررىس خانىممۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەقدىم قىلىپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەرساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەم كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان رامون تىرېموسا ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، «بىز كاتالونىيە خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەقدىرداشمىز. سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلار بىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۈرىشىمدۇر. مەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايمەن. مەن ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش ۋە تەقىپلىرىگە لەنەت ئوقۇيمەن. بىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىمىز،» دېگەن.

ياۋروپا پارلامېنتىدا 26-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا گوللاندىيەدىن بېرىپ قاتناشقان د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 27-ئاپرېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» تىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق مۇھىم بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.