ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ «تەشكىلاتچىلىق ساۋاتلىرى» كۇرسى داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2017.01.20
Milliy-Gorush-Teshkilati-Oktay-Dalmaz.jpg «گوللاندىيە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» فېدراتسىئون باشلىقى ۋە يېتەكچى ئۇستازلىرىدىن بېرى بولغان ئوكتاي دالماز ئەپەندى.
RFA/Pida’iy

گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» «تەشكىلاتچىلىق ساۋاتلىرى» ھەققىدە كۇرس ئورۇنلاشتۇردى.

ئۆتكەن يىلنىڭ نويابىر ئايلىرىدىن باشلاپ ئىككى ھەپتىدە بىر داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ دەرسلىك ھەر دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئاخشاملىرى ئىككى-ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ئۆتۈلمەكتە. ئۇنىڭدا تەشكىلات قۇرۇش، باشقۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ساھەدە لېكسىيە بېرىپ كېلىۋاتقان «گوللاندىيە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» فېدراتسىئون باشلىقى ۋە يېتەكچى ئۇستازلىرىدىن بېرى بولغان ئوكتاي دالماز ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ دەرس بەرمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مەزكۇر كۇرسنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا موھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مەزكۇر تەربىيلىنىش كۇرسىنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا چىققانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىشتىراكچىلار، بۇ قىتىملىق كۇرس گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قىتىم بولغانلىقىنى، تەشكىلاتچىلىق ساھەسىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» نىڭ فدراتسىئون باشلىقى ئوكتاي دالماز ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيلەش ساھەسىدە ئىگىلىگەن تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىغا بىلدۈرۈشتىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.