يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى
2016.12.18

ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەندە تىبەت، ئۇيغۇر موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەخسۇس ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى، مەۋجۇت تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزگەن ھەمدە يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇلار تاكى ھەپتە ئاخىرىغىچە تۈرلۈك زىيارەت، ئۇچرىشىش ۋە پائالىيەتلەردە بولغان.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە يىغىنغا قاتناشقان بەزى ئۇيغۇر،موڭغۇل ۋە تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە بۇ خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىگە ئائىت پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىدىن ئىشەنچ ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
9-دېكبىردىن باشلاپ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت،ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيىتى 12-دېكابىر كەچتە تەيبېيدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە «كىشىلىك ھوقۇق ياشىسۇن!»دېگەن سادالار ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان ئىدى.
پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تەكلىپ ۋە تەلەپلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى خې ئەپەندىم يىغىنغا باھا بېرىپ:«ئاسىيادا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ خىتايدىكى تىبەت،ئۇيغۇر،موڭغۇل ۋە خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ تەيۋەننى مەركەز قىلغان ھالدا يېقىن كەلگۈسىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىمىز توغرىسىدا كەڭ كۇشادە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى-دەپ قارايمەن»دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇت يىغىندا ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان بەزى تەكلىپلەر ئۈستىدە توختالدى.
باش شتابى توكيودىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دايچىن تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«تەيۋەندىكى دېموكراتىك ۋە ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ تىبەت،ئۇيغۇر،موڭغۇل مەسىلىسىنى تەيۋەندە كەڭ تەشۋىق قىلدۇق.پائالىيەتلىرىمىز كەڭ مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى.بۇنىڭدىن تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ»دېدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك مەسىلىسىنى ئۇزۇندىن بىرى قوللاپ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىك ئادۋوكات خې ئەپەندىم پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەيۋەندە ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلەتتى.ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەردار بولدى»دېدى.
ئىلھام ماخمۇت زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە تەيۋەندىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.
تەيۋەندىكى مەلۇم بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ياقۇپ بەگ تەيۋەن تور بەتلىرىدە كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە،تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان تىبەت،ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى 9-دېكابىردىن 14-دېكابىرغا قەدەر داۋام قىلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.