توكيودا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى» ناملىق دوكلات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.02.27
yaponiye-xitay-uyghur-basturush-ilham-mahmut.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت دوكىلات بەرمەكتە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


25 - فېۋرال ياپونىيە پارلامېنت سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنى ياپونىيە يەر شارى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەرگەن.

دوكلات بېرىش يىغىنىغا خىتاي، ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشقان.

يىغىن شۇ كۈنى كەچ بەشتىن سەككىزگە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز يىغىن ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.