مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ توكيودا ياپونىيەنى قوغداش ئۇيۇشمىسى تور تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلى رەسمىي تارقىتىش باشلىدى.
مەزكۇر تور تېلېۋىزىيەسىنى توكيونى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ياپونىيەنى قوغداش ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلغان.
ياپونىيەنى قوغداش ئۇيۇشمىسىنىڭ مەزكۇر تور تېلېۋىزىيىسى ياپونىيەنىڭ ئىچكى تاشقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاي ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت خەۋەر، ئانالىز ۋە سىياسىي مۇلاھىزىلەرگە دائىر پروگراممىلارنى تارقىتىشنى ئاساس قىلغان.
مەزكۇر تور تېلېۋىزىيىسى ھازىرچە ئىككى قانالنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر قانىلى، يەنە بىرى مىڭ شيا قانىلى. مىڭ شيا قانىلى ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي ئىشلىرى سىياسىي ئوبزورچىسى مىڭ شيا خانىمنىڭ مەخسۇس قانىلىدۇر.
ئۇيغۇر قانىلىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ھاياتى ۋە ۋەزىيىتىگە ئائىت خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەرنى تارقىتىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر قانالنىڭ بۇ پروگراممىلىرىغا ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.
ياپونىيەنى قوغداش تور تېلېۋىزىيىسى پروگرامما رىياسەتچىلىكىنى يايوئى كۇرىستال خانىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇرىستال خانىم تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قانىلىنى تەسىس قىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ نەزىرىمدە يەر شارىدا بىردىن-بىر تېررورچى خىتاي كومپارتىيىسىدۇر. ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ تېررورچىلاردىن ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قايتىدىن بالدۇرراق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر قانىلىنى تارقىتىشنى تەسىس قىلدۇق. مەن ياپونىيەنى قوغداش تور تېلېۋىيەسىنىڭ نامىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايمەن.
تېلېۋىزىيە پروگرامما ئىشلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم ئۇيغۇر قانىلىنىڭ پروگراممىلىرى ئۈستىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي، ئېنىق خەۋەرلەر يېتەرلىك ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت كۆپچىلىككە ئەتراپلىق ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى يوللاش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر قانىلىنى تەسىس قىلدۇق.
مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئوپېراتورلىرىدىن بىرى ياتو ئۇيغۇر قانىلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنى ۋە سېنكاكۇ ئارىلىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن سېلىۋاتقان تەھدىتى تولىمۇ زور. شۇ نۇقتىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق ياپونلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ياپون جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشنى ئويلاپ، ئىختىيارىي ھالدا بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتىمىز.
مەزكۇر ئۇيغۇر قانىلى رەسمىي تارقىتىش باشلىغاندىن بۇيان كۆپلىگەن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ،مەزكۇر ئۇيغۇر قانىلىنىڭ پروگراممىلىرىدىن ھۇزۇر ئالغان نورىكو خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر قانىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئائىت گېزىت-ژۇرناللاردىنمۇ ئوقۇپ بىلگىلى بولمايدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق چۈشىنىۋېلىشىمىزغا تولىمۇ پايدىلىق بولدى.
ئاخىرىدا بىز مەزكۇر تور تېلېۋىزىيىسى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياپونىيەنى قوغداش ئۇيۇشمىسى تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر قانىلىنىڭ تەكلىپلىك مېھمىنى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.