خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2016.08.27
26 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى بارىزگان مەيدانىدا خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
بۇ تەنتەربىيە پائالىيىتى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيەلىرىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە دۇنيا ئېتنوسپور كونفېدراسىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بېرىمىز. بۇ پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار، نوگاي ۋە تۈرك خەلقلىرى ئۈچۈن ھەر بىرىگە مەخسۇس چىدىر قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان چېدىردا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مىللىي تاماقلىرىنى، چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ۋە مىللىي كىيىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچتى.
بۇ پائالىيەت مەيدانى خوددى قەدىمى زاماندىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق چېدىر قۇرۇلغان، چېدىرنىڭ ئالدىدىكى قاتار تىزىلغان چوڭ ياغاچ مۇمىغا ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ شەرقىي تۈركسىتان بايرىقىمۇ بۇ بايراقلار قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
ئۇيغۇر چېدىرىدا، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، تاماقلىرى، مىللىي كىيىملەردىن ئەتلەس كۆينەك، كانۋاي كۆينەك، چىمەن ۋە بادام دوپپا، كۆرپە، ياستۇق، گىلەم قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي ھاياتىدا قوللىنىدىغان بۇيۇملار قويۇلدى. بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش تەييارلىقى باسقۇچىدا دۇنيا ئېنتوسپور ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان ئەپەندى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قىزىقىپ كۆردى.
بىلال ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئېتنوسپور كونفېدرادسىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، دۇنيا ئىتنوسىپور كومفېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان، پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا ئوقچىلار فوندى رەئىسى ھايدار ئالى يىلدىز، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز قاتارلىق مۇھىم رەھبەرلەر قاتناشتى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چېنگىز قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى.
بىلال ئەردوغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يولغا چىققاندا ئۆتمۈشىمىزگە، كىملىكىمىزگە، مەدەنىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋە بىزنىڭ ئۇنتۇلدۇرۇشىمىزنى خالىغان كۆپلىگەن قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ يېڭىدىن خەلقىمىز بىلەن ئۇچرىشىشىنى، يېڭىدىن تونۇلۇشىنى ۋە ئومۇملىشىشىنى شۇنداقلا قەدىرلىنىشىنى مەقسەت قىلىمىز.»
پائالىيەت مەيدانىدا بۈگۈن ئات بەيكىسى ئۆتكۈزۈلدى، ئوق ئېتىش ۋە چېلىشىش مۇسابىقىلىرى داۋام قىلدى. نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە زىيارەتچىلەر ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلەر ئاچقان مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى قىزىقىپ كۆردى.
بۇ پائالىيەت 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ 28 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە كۈنى قاتنىشىدىكەن ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
بۇ پائالىيەت تۈرك خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تۈنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەت بولۇپ، تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.
بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان ئىستانبۇل ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كۇرشاد مىجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كۇرشاد مىجان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تارىختىن باشلاپ مەدەنىيەتكە باي بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاپمۇ ئۆز مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي قوغداپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاپرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرى بويىچە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
كۇرشاد مىجان ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، سۈرىيە خەلقىنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئالغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.
كۇرشاد مىجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ياردەملىشىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ پائالىيەتنى زىيارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستان خەلق ئامسامبىلى مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى، قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن تۇرسۇن ھاجى ئارزۇيۇف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئارتىق ھاجى ۋە تۇرسۇن ھاجى ئەپەندىلەر بىردەك بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ جەم بولغان بۇ خىل پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.