تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى چەتئەل ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبەرلىرى يىغىنى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. يىغىن كۈن تەرتىپىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىدا سۆزگە چىققان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋاسىتىلىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا 556 كىشى قاتناشتى.

بۇ ھەقتە توختالغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ تۈركىي تىللىق ئەللەردىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەنمۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا تۈركىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستاندىن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا 4 دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان.

يىغىن ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەرگەن ئەزەربەيجان باكۇ شەھىرىدە چىقىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئاقىل جەمال ئەپەندى مۇنداق دېدى: تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئېلى ئاقىنجى ئەپەندى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى. ئېلى ئاقىنچى نۇتقىدا يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىلغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ يەنە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«تۈركىستان گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى ئاقىل جەمال ئەپەندى تۈركىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا ماقۇللانغان بايانات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىندا، چەتئەلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىش ۋە مەزكۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇش، رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىش، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر كارخانىچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ يىغىن چاقىرىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ تۈرك دۇنياسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، دۇنيادا ئىسلام دىنىنى قارىلايدىغان پائالىيەت ۋە كۆز قاراشلارغا قارشى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى.

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكىنىڭ بۈگۈن باكۇ شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدىمۇ مەسىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئاقىل جامال ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي ئەزەربەيجان، كەركۇك مەسىلىلىرى ئوچۇق ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ۋاسىتىلىك ھالدا بۇ مەسىلىلەرنى چەتئەل جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغانلار ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان باكۇدىكى «تۈركىستان گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى ئاقىل جەمال ئەپەندى، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ، بۇ خىزمەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.