17 - يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تۈركىيە ئارمىيەسى باش شتابى بىناسى، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى باش قوماندانلىقى جايلاشقان يولدا كېتىۋېتىپ قىزىل چىراغدا تۇرغان 5 ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كىرگەن بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل تېررورچىلار تەرىپىدىن پارتلىتىلدى. ۋەقەدە 27 ھەربىي، 1 پۇقرا ئۆلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ئارمىيەسى باش شتابىدا مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، مەزكۇر ھۇجۇمنى قىلغان تېررورچىنىڭ سۈرىيەلىك سالىھ نەججار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ ھۇجۇمنى تۈركىيەدىكى تېررور تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن سۈرىيەدىن كەلگەن ي پ گ تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بىرىنىڭ قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىنى قىلغان سالىھ نەججار ئىسىملىك، ئامۇدا 1992 - يىلى تۇغۇلغان. ئامۇد سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەر. تېررورلۇق ھۇجۇمنى ي پ گ تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىمىزنىڭ تاڭ ئاتقىچە ئېلىپ بارغان مەزكۇر ئەنزىنى ئېنىقلاش خىزمىتى نەتىجىسىدە 9 كىشى قولغا ئېلىندى، بۇ ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان پۈتۈن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ سوتقا چىقىرىلىدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدىكى پ ك ك تېررور تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كېلىۋاتقان ي پ گ تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق بولدى.»
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئەتراپىنىڭ مۇقىمسىز دۆلەتلەر بىلەن تولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك خەلقىمگە شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، تۈركىيە ھازىر مۇرەككەپ بىر يەردە. تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا مۇقىمسىز 6 - 7 دۆلەت مەۋجۇت. بىقىنىمىزدا سۈرىيە بىلەن ئىراق، شىمالىمىزدا ئۇكرائىنا، تۈنۈگۈن دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن يەمەن، لىۋىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەمەس. بۇلار دۆلىتىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز.»
ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى چاقىرىقىم شۇ، ي پ گ تېررور تەشكىلاتى تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمى ئارقىلىق پ ك ك بۆلگۈنچى تېررور تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بىزنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىمىزگە ۋە باشقا تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ تېررور تەشكىلاتىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ تەشكىلاتلارنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا قوللىغان دۆلەتلەر بىز بىلەن بولغان دوستلۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. پايتەختىمىزگە تېررور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان بۇنداق تەشكىلاتلارنى كەچۈرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەن تۈركىيە ئارمىيەسى باش شتابىغا سەۋر تىلەيمەن.»
بىر مۇخبىرنىڭ «تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمدا 28 كىشى قازا تاپتى، 61 كىشى يارىدار بولدى. بۇنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ي د تېررور تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقىنى دېدىڭىز، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بارماقچىمۇ ؟» دېگەن سوئالىغا ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈنۈگۈن كەچ 9 يېرىمدىن تارتىپ ھافتانىن ئەتراپىدا بۆلگۈنچى تېررور تەشكىلاتىنىڭ لاگېرلىرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق. بۇ يەردە 70 ئەتراپىدا تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى. بۇ شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بېرىلدى. سۈرىيەدىكى ي پ گ تېررور تەشكىلاتى ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتى ئارمىيەسىگە قارشى توپ ئوقى ئېتىشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنىغا كىم تاجاۋۇز قىلسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز.»
باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمنى سۈرىيەلىك پ ي د ئەزاسى بىلەن پ ك ك دەپ ئاتالغان كورت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى، بۇلارنى تېررور تەشكىلاتى دېمىگەن دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ دوست بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەر پ ك ك نى تېررور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دۆلىتى پ ك ك نى تېخىغىچە تېررور تەشكىلاتى دېمىگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررور تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتنى تېررور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلماسلىقىدىكى سەۋەب توغرىسىدا توختالغىنىدا، خىتاينىڭ كورت ۋە سۈرىيە سىياسىتىنىڭ تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
17 - يانۋار كۈنىدىكى ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ ھال سورىغان ۋە تېررورنى ئەيىبلىگەن.
0:00 / 0:00