تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوغرىلىق ئەندىشە قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.03.01
qeseri-uyghurlar-mehellisi-1.jpg قەيسەرى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرىدىغان چەترەك مەھەللىدە بىر ئۇيغۇر قوتان چۆرىدەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Abduweli Ayup

ئېنىقلىشىمىزچە، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوغرىلارنىڭ ئوۋلاش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەنقەرەدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت ئورنىغا بىر قانچە قېتىم ئوغرى كىرگەن.

ئىستانبۇلدىكى فاتىھ، سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوغرىلىققا، ھەتتا كۈپ-كۈندۈزدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان. بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ جەريانى، سەۋەبى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا ياشايدىغان مەمەتئېلى مەمتىمىن ئەپەندى يېقىندا ئىككى قېتىملىق ئوغرىلىق ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىككىلا قېتىم ئوغرى ئىشىكنى ئۆزى ياسىغان ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرگەن. بىر قېتىم بەزى نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم سېزىلىپ قېلىپ قېچىپ كەتكەن.

كۆزىتىشىمىزچە، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭلچىلىق ۋەقەلىرى بەزى ئۇيغۇرلارنى ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدە خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. مەمەتئېلى مەمتىمىن ئەپەندى بۇنى ئاساسسىز پەرەز قارايدىكەن. ئۇنىڭ بىلىشىچە، تۈركىيەدىكى بۇنداق جىنايى قىلمىشلار يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ياكى ئۇيغۇرلاردىكى پۇلدارلار قاتلىمىغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى بارلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان ئابدۇئېزىز ئەپەندى ئۆز تەۋەلىكىدە ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپىيىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغان بولۇپ، قۇلۇپلارنى ئالماشتۇرۇپ بىخەتەرلىككە چارە كۆرگەن. ئۇ كىشىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىنى چىرىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئوغرى، قاراقچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتامانلىرىنى تۈركىيەگە مەقسەتلىك ئەۋەتتى، دېگەنلەرنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق گەپلەر ئىشىنىشكە ئاسان بولغان بىلەن ئىسپاتلاشتا تارازىغا توختىمايدىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ياشايدىغان ئادىلجان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارالغان يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئاساسسىز ئەندىشە يارىتىش دەپ بىلىدىكەن. ئۇنىڭچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىرىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر بايلىرى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا قېتىلىشتىن يىراق بولغاچقا، خىتاينىڭ ئۇلارغا قارشى بىرەر تەدبىر ئېلىشىغا ھاجەت يوق ئىكەن. ئەگەر شۇنداق قىلىشقا ھاجەت چۈشكەن تەقدىردە تۈركىيەگە ئادەم ئەۋەتكەندىن بايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۈلكىگە، ياكى تۇغقانلىرىغا قول سالسىمۇ يېتەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭچە، بۇنداق گەپلەر خىتاينى ھەممىگە قادىر دەپ چوڭ بىلىدىغان، ئۇيغۇر نەدە بولسا خىتاينىڭ كۈچى شۇ يەردە دەپ خەۋىپسىرەيدىغان ناتوغرا تەپەككۇر ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئىستانبۇلدا ياشايدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر-سابىرجان كۆكتۇغ ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئوغرىلىقنىڭ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ شاھىت بولغىنى بىر شىركەتكە كىرگەن ئوغرىنىڭ يەتمىش مىڭ دوللار پۇل ۋە 6 دانە كومپيۇتېرنى ئوغرىلاپ كەتكىنى ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بارماق ئىزى، سىن قاتارلىق دەلىللەر ساقچىلارغا تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن دېلودىن بىر نەتىجە چىقمىغان. سابىرجان ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سابىرجان كۆكتۇغ ئەپەندى كوچىلاردا ئېقىپ يۈرگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوغرىلارنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە جاسۇس ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنى بايلىقتىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى قاتارلىق پاراڭلارغا دەلىل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، كونيا قاتارلىق شەھەرلەرگە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ تارقاق جايلاشقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە تۈركىيەدە فەتھۇللاھ گۈلەن گورۇھىغا قارشى تازىلاش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە كۆچمەنلەرگە قارىتا باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەنلىكى سەۋەبلىك ساقچى، تەپتىش ۋە سوتىچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىرلاپ كەتكەن. شۇ ۋەجىدىن ئوغرىلىق دېلولىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ياكى يېنىڭ جازالىنىپ، بۇ خىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەش بولۇۋاتقانلىقى ئاخباراتلاردىن مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.