ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، مۇخالىپ پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىدىن ئۆزىنى ئاقلىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش خىزمەتلىرى توغرىسىدا پارلامېنتتا دوكلات بەردى ھەمدە خىتاينىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىنىڭ پرىنسىپى بويىچە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە تۈزۈمى ئاستىدا، ھۇزۇر، بىخەتەر ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن شارائىت يارتىپ بېرىىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت بارات چونكار مۇخالىپ پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ھۆرمەتلىك رەئىس ۋە قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىىيىسىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى ئېشىۋاتقان ھۇجۇملارنى تەكشۈرۈپ، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش توغرىسىدا سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىگە جاۋاب بېرىپ بېرىش توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتىمەن.
ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن.
ھۆرمەتلىك رەئىس ۋە قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارا جامائەتنىڭ ھۆرمەتلىك بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت نىڭ پرىنسىپلىرىغا ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيە خىتاينىڭ مۇستەقىللىقىغا، ئىگلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىنىڭ پرىنسىپى بويىچە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە تۈزۈمى ئاستىدا، ھۇزۇر، بىخەتەر ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن شارائىت يارتىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خىتاي دائىرلىرىگە ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.
پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت بارات چونكار تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- دۆلىتىمىزنىڭ ئۇ رايونغا قارىتا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئىشلاردىن بىرسى، ئۇ رايوننى ئالىي دەرىجىلىك مىنىستىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىدۇر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جۇمھۇر رەئىسى دەرىجىدە تۈنجى قېتىملىق زىيارەت 2009 - يىلى ئېلىپ بېرىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرىجىدىكى تۈنجى زىيارەت 2010 - يىلى ئېلىپ بېرىلدى. باش مىنىستىرىمىز 2012 - يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. بۇ تارىختا تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۇ رايونغا ئېلىپ بارغان تۈنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. 2012 - يىلى باش مىنىستىرىمىز ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، ئۈرۈمچىگە تۈرك شېركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش مىنىستىرىمىز تۈرك سودا - سانائەتچىلەرنى ئۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلدى ۋە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.

2012 - يىلى 5 - سىنتەبېر ئۈرۈمچىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسىگە زىيارەتكە بارغان مۇئاۋىن باش مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك ئەلى باباجاننىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئىقتىسادى مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىدە تۈرك سودا - سانائەت رايونى قۇرۇش توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى. مەزكۇر تۈرك سودا - سانائەت رايونىدا، ئىخلاس شېركىتى كەمپۇت - شاكىلات زاۋۇتى قۇرۇش، سۈت ئىچىملىك ۋە يىمەكلىرى ياساش ئۈچۈن ئىش باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈرۈمچى تۈرك ماركا مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدىغان ئىكو دىيار تۈرك سودا مەركىزى 2012 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتى. خىتاي ئاۋئاسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچى ئايروپىلانلىرى ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بېيجىڭ - ئۈرۈمچى - ئىستانبۇل ھاۋا قاتناش ئىشلىرى 2012 - يىلى 22 - نويابىر باشلاندى. تۈرك ئاۋىئاسىيە شىركىتى، ئىستانبۇل - ئۈرۈمچى ھاۋا قاتناش يولۇچى ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، كېرەكلىك روخسەت بېرىلگەن شارائىتتا ئىش باشلايدۇ.
بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەركۈك ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر زامان يېنىدا بولۇشنى داۋام قىلىمىز. بۇ ھىس - تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە بىلەن ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغان ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش تەكلىپ لايىھەسىگە ئاۋاز بەرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېيىش ئەقىلدىنمۇ ئۆتمەيدۇ
تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئىپادىلىگەنلىكىنى رەت قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدا خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئەخمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئىپادىلىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرى بايانات بەردى ۋە ئەخمەت داۋوتئوغلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئىپادىلىمىگەنلىكىنى، بۇ خىل ئىپادىلەش ئەقىلدىنمۇ ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى، ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇر رايونىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر مەدەنىيەت كۆۋروكى دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۇزۇر، پاراۋان ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىنىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئىسمەت بۈيۈك ئاتامان، خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئەخمەت داۋوتئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىررورچى دەپ ئىپادىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. باياناتتا، ئەخمەت داۋۇتئوغلىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلەرگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا كۆز يۇمغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تىررورچى دەپ ئىپادىلىگەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە بۇ خىل ئىپادىلەش ئويلاپ خىيالغىمۇ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى: خىتاي باش ئەلچىسى دەرھال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلسۇن
تۈركىيىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى، 26 - ئىيۇن كۈنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسى لۆكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى ۋە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇروشلۇق باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇستافا دەستىجى ئەپەندى باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىش خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تېخىمۇ كۆپ قەتلىئام ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
سائادەت پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان باياناتى
سائادەت پارتىيىسىنىڭ قەيسىرى شۆبە باشلىقى مەخمۇت ئارىكان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلۇمەت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ھەر كۈنى يېڭى بىر زۇلۇم، قان تۆكۈلگەن ۋە كۆز ياشلىرى ئاققاننىڭ خەۋىرىنى ئېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان ۋە مىسىردىن كەلگەن خەۋەرلەر بىزنى يەنە بىر قېتىم قايغۇ - ئەلەمگە سالدى. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ۋە مىسىردىن ۋە باشقا زۇلۇمغا ئۇچرىغان رايونلاردىن كەلگەن خەۋەرلەر، بىزنىڭ مىللىي ئاڭ ھەرىكىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دەسلەپتىن باشلاپ 40 يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن ئىسلام بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىمىزنى ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسەتتى.
سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا كامالەك، 14 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە مەيدانىدا «زۇلۇمنى توختات» دېگەن نامدا چوڭ يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى مەنبەلەر، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن زۇلۇمىغا قارشى ۋە مىسىرنىڭ خەلق تەرەپتىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسى مۇرسىنى قوللاش مەقسىتىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.