تۈركىيەدە يىلقىچىدا يۈز بەرگەن ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2013.08.29
28-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، مەركىزى قەيسىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە 22 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ۋەقەگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى قاتناشتى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە يىلقىچى يېزىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى قانلىق باستۇرغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تەنقىد قىلدى.
سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، ئالدى بىلەن ۋەقە توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلارنى، ھېچقانداق تەكشۈرمەستىنلا تېررورچى دېگەن نام بىلەن سەۋەبسىز ئوققا تۇتقانلىقىنى، نەتىجىدە 26 ئۇيغۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 22 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخباراتلاردا نەقىل قىلىنىپ تارقىتىلدى. شۇ جۈملىدىن، قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە 22 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ۋەقە توغرىسىدا بۈگۈن تۈركىيەنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدە خەۋەر تارقىتىلدى. تۈركىيەنىڭ يېڭى شافاق گېزىتى بۇ ۋەقە توغرىسىدا، «قۇرئان كۇرسىغا بارغانلىقى ئۈچۈن قەتلى قىلىندى» دېگەن تېمىدا خەۋەر تارقاتتى ۋە 28 نەپەر ئۇيغۇر تەكلىماكان چۆلىنىڭ ۋادىلىرىدا قۇرئان دەرسى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى، دېيىلدى.
دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا 15 كىشى ئۆلتۈرۈلدى، دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقاتتى. دۇنيا بۇلتەنى، شەرقىي تۈركىستان خەۋەر قاتارلىق تور گېزىتى، خەبەر7 تور گېزىتلىرى «شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى قەتلىئام يۈز بەردى، 22 ئۇيغۇر شېھىت بولدى» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقاتتى.
قەيسىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توغرىسىدا شۇنداقلا قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، سۈرىيە ۋە مىسىردا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قەتلىئام ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي سۈرىيە ۋە مىسىر دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى يىلقىچىدا يۈز بەرگەن قەتلىئام ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى.