تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى مۇستەقىللىق روھى بىلەن يېتىشتۈرمەكتە
2014.08.28
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلاردىن ئۆمەك تەشكىللەپ، ھەر يىلى تۈركىيەنىڭ بىر قانچە شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا.
ئۇلار بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئوسمانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازى ۋە ئورخان غازىلارنىڭ قەبرىسى بار، تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بۇرسا شەھىرىنى ۋە 8 - ئاينىڭ 23 - 24 - كۈنلىرى بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان چاناققەلئە شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىندى. بۇ يىل 10 - قېتىملىقى ئويۇشتۇرۇلغان بۇ ئېكىسكۇرسىيەگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش قۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى، ئاياللار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ 55 كىشى قاتناشتى.
بۇ ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئاياللار بىلەن ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئوسمانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازى ۋە ئورخان غازىلارنىڭ قەبرىسىنى، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ قانداق قىلىپ، چىدىردا قۇرۇلغان بىر دۆلەتنىڭ 3 قىتئەنى سورىغان ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغانلىقىنى، دۆلەت قۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇقەددەس بىر ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، 8 - ئاينىڭ 23 - 24 - كۈنلىرى بولسا 1915 - يىلى غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، تۈرك ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، بۇ زېمىندىن چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقارغان، 230 مىڭ تۈرك شېھىت بولغان چاناققەلئە جەڭ مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغانلىقىنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ بۇ جەڭ توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، بۇ زىيارەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
تۆۋەندە سېيىت تۈمتۈرك بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.