تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.12.18
Turkiye-Parlament-ezasi-Sinan-Ogan.jpg تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان سۆزدە.
RFA/Arslan

15-دېكابىر قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تور بەتلىرىدە بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، ئۈلكە ئوجاقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

سىنان ئوگان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن ئۇچرىشىپ، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان، 15-دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە ئالاقىدار تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە بۇ قانلىق ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەگە سۈكۈتتە تۇرغانلىق بىلەن قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سىنان ئوگان سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:
«شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارغا ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈركىيەدە كېرەكلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. تۈركلەر تارىختىن بۇيان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلدى. 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجىدا يۈز بەرگەن قەتلىئام ئېسىمىزدە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار ۋە ۋە بۇ ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن 1000 غا يېقىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى ھازىرمۇ ئۇنتۇمىدۇق. ئەمما، ئۇ يەردىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپىيىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن تېخى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سەۋەبسىز ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئۇ يەردە 14 شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەش بەس-مۇنازىرە بولۇپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە، ئەمما ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن بۇ ۋەقەگە قارىتا ھېچقانداق ئاۋاز چىقمىدى.»

سىنان ئوگان سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرمەنلەرگە ۋە ئەرمەنىستانغا ئىشىكنى ئېچىۋاتىسىلەر! ئەمما رابىيە قادىر خانىمغا ئىشىكنى تاقىدىڭىلار!. تۈركلەرنىڭ تارىخىغا، قىممەت قارىشىغا ھاقارەت قىلغانلارغا، تۈركلەرنى ئەيىبلىگەنلەرگە ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرىڭلار قالمايدۇ، بۇ قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىش ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكەن كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن سۆزلەشتىم. رابىيە قادىر تۈركىيەگە قاچان كېلىدۇ؟ دەپ سورىدىم. ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى، مەن چىڭ تۇرۇپ قايتا-قايتا سورىغاندىن كېيىن جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر قالدى ۋە خۇدايىم بۇيرۇسا بىر كۈنى كېلىدۇ، دېدى.»

بۇ مۈجمەل جاۋابقا ئاچچىقى كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېلەر قېتىمقى سايلامدا ھۆكۈمەت بېشىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيەدە تۈرك مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئاجىزلىشى بىلەن باشقا جايلاردىكى تۈركلەرگە قارىتا زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ يەنە مۇنداق دېدى:
«ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇنى دەيمەنكى، تۈركىيەدە تۈركچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۇلغايغاندىن كېيىن، كەركۈكتە، تۈركمەنلەر ياشايدىغان يەرلەردە پارتلاۋاتقان بومبىلارغا، قەشقەردە، ئۈرۈمچىدە، خوتەندە بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا توغرىلىنىۋاتقان قوراللارغا سۈكۈت قىلىش ئادەتلەنگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. تۈركىيە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ دەۋرىدە ئۇ يەردىكى تۈركمەن ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كېرەك بولغان شەكىلدە يېنىدا تۇرالمىدى. دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە تۈرك ئىزى ئۆچۈرۈلۈشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت تۈرك ئىزلىرىنىڭ يوق بولۇشىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. گۇناھى پەقەت تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغان رابىيە قادىر تۈركىيەگە كېلەلمەيۋاتىدۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى باشقۇرۇۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمىدى. نېمە ئۈچۈن رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەيسىلەر دەپ سورالغاندا، خۇددى تۈركىيە باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقاندەك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان كىشى ئوچۇق جاۋاب بەرمەيدۇ. تۈركىيە خۇددى باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقاندەك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى، رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت بېرەلمەيدىغان ھالغا كەلدى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رابىيە قادىر بىر كۈنى خۇدايىم بۇيرۇسا تۈركىيەگە كېلىدۇ. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قەتلىئاملارغا سۈكۈت قىلمايمىز، مەيلى غەززە، مەيلى ئىراق تۈركمەنلىرى بولسۇن، سۈرىيە مەسىلىلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ھېچ بىرىگە سۈكۈت قىلمايمىز. يۈناسىتان ۋە بۇلغارىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا سۈكۈت قىلمايمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا قارشى ئاۋاز چىقارمىدى، تۈركمەنلەرنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا قارشى ئاۋاز چىقارمىدى. ئۇ يەرلەردىكى تۈركلەرنىڭ يېنىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مىللىتى باردۇر، بۇنى ھەر كىم بىلىشى كېرەك.»

بۈگۈن يەنە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ئىزمىر شۆبە رەئىسى ئەخمەت بەرەكەت ئەپەندى 15-دېكابىر قەشقەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا پارتىيىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋەقەلەرگە يەنە بىر يېڭى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى قايغۇ ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە ھەر كۈنى دېگۈدەك شىددەتلىك ئېشىۋاتىدۇ. قەشقەردە 14 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار خەلق ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا ئېزىلىۋاتىدۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا بۇ ۋەھىمىلىك ھادىسىلەرگە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا بەلكى ئېتىقاد ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبىدىن پۈتۈن بۇ تراگېدىيىلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمىز.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ئىزمىر شۆبە رەئىسى ئەخمەت بەرەكەت ئەپەندى باياناتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرغانلىق بىلەن تەنقىد قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەرت-ئەلەملىرى دەپ بىلگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھۆكۈمەتنى شۇنىڭغا چاقىرىق قىلىمىزكى، يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەلەرگە ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلدا قارشىلىق كۆرسىتىشىڭلار كېرەك. خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان پۈتۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىملەرنىڭ، بۇ قانلىق ۋەقەلەر ۋە زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلمىگەن تەقدىردە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىش كېرەك.

رەئىس ئەخمەت بەرەكەت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان جۇغراپىيىلەردە ياشاۋاتقان كۈچلۈك بىر تۈرك دۇنياسىنى ئارزۇ قىلىمەن، دېگەن ۋە بۇ يولدا شېھىت بولغان مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ سەپداشلىرى بولغان ئالپەرەنلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز.

15-دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.