ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى كۈتمەكتە
2014.11.07
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېيىنكى بىرقانچە ئاي ئىچىدىلا 4 - 5 مىڭ ئۇيغۇر ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا يوقسۇل ئىنسان بار بولۇپ، ئۇلار قىش كىرىپ قالاي دېگەن بۈگۈنكى كۈندە ئىستانبۇلدا قېيىن ئەھۋالدا تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە. گەرچە بەزى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلار يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئىككى - ئۈچ ئائىلە بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى 50 - 60 ئۇيغۇر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلايدىكەن. بەزى دوختۇرخانىلار ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى پۇلسىزلىقتىن داۋالىنالمايدىكەن. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ۋە شەخىس بىلەن ئالاقە ئورناتسا، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى تاپالايدىغانلىقىنى، ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.