تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.12.11
Binali-yildirim-shiende-Ayali-bilen-tang-sulasi.jpg تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىم ئايالى بىلەن خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. («يېنىشافاك گېزىتى» دىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
RFA/Arslan

تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىم 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىپ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە سەددىچىن سېپىلى قاتارلىق تارىخى ئورۇنلارنى ساياھەت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىنالى يىلدىرىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاينى رەسمىي زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىنالى يىلدىرىم ئالدى بىلەن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن ئۇچراشقان.

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە 3-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇچرىشىشنىڭ مۇخبىرلارغا ئوچۇق بۆلۈمىدە، بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي جەھەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى چوڭقۇر بىر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئاسىيانىڭ بىر ئۇچىدا خىتاي، يەنە بىر ئۇچىدا تۈركىيە ئورۇن ئالىدۇ. بىز رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىككى دۆلەت. ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پاراللېل ھالدا پارلامېنتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ تەسىرلىك ھالغا كەلتۈرۈشكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئويلايمەن. بۇ مەقسەتكە ئۇيغۇن ھالدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشلىنىشى پايدىلىق بولىدۇ».

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىنالى يىلدىرىمنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە، مۇھىم ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلىنىۋاتقان بىر دۆلەت. بۇرۇندىن تارتىپ مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزىگە خاس بىر تەرەققىي قىلىش يولىنى كەشىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. خىتاي ۋە تۈركىيە ئوخشاش جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىدىكى پوزىتسىيەسى ئوخشاپ كېتىدۇ، بىز ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە پايدا-مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان بىر شەكىلدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەييار. تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەر ساھەدە، ھەر سەۋىيەدە تەسىرلىك مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ھەم تەييار».

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىم زىيارەت جەريانىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى لى جەنشۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلغان ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.

بىنالى يىلدىرىم، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تارىخى يادىكارلىقىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ يەنە شىئەندىكى تۇڭگانلارنىڭ جامەسىنىمۇ زىيارەت قىلغان ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن خاتىرە رەسىمىگە چۈشكەن.

بىنالى يىلدىرىمنىڭ شىئەن زىيارىتى جەريانىدا ئۇنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى خۇ پىڭ قارشى ئالغان. خىتاي تەرەپ شىئەندە بىنالى يىلدىرىمنى بىر توپ قىزلارغا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىيىملەرنى، ئەرلەرگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي فورمىلىرىنى كىيدۈرۈپ ھەم تاڭ سۇلالىسى بايرىقىنى كۆتۈرگۈزۈپ قارشى ئالغان.

بىنالى يىلدىرىم شىئەندىكى ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ تۈركىيە ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيادىكى چوڭ تىجارەت شېرىكى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت تىجارەت ھەجمىنى كۆپەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىدى ۋە ئۇ بۇ مەسىلىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكتىپلار بۇ ھەقتە كۆپ ئىنكاس يازدى. بىراق تۈركىيەدىكى «خەۋەر تۈرك» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مۇھەررەم سارىكايا ئەپەندى بىنئالى يىلدىرىمغا ھەمراھ بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى «خەۋەر تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى يازدى. ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا: تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ھەم خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەئىسى لى جەنشۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا ۋە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئېچىپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدىغانلىقى» نى يازغان.

لېكىن، بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ باشقا ھېچ قانداق مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر ياكى ماقالە ئېلان قىلىنمىدى. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىمۇ بۇ ھەقتە ھېچ قانداق ئۇچۇر يېزىلمىغان.

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پەخرىدىن يوقۇش ئەپەندى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا 5 مىنۇت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىمغا قارشى ئاۋازىنى چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇ يەنە بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن قان ئېقىۋاتسا، بىنالى يىلدىرىم خىتايدا ساياھەت قىلىپ ئويناپ يۈردى» دەپ ئەيىبلىدى.

بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراشقا بولامدۇ؟

غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر ۋە ماقالىلەر تارقىلىۋاتقان پەيتتە، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللايدۇ؟ تۈركىيە-خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھازىرقى ئەھۋالدا قانداق تەسىر پەيدا قىلالايدۇ؟ بۇنى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر-بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.