تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى
2019.02.09
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بۈيۈك نومۇس» دەپ بىلدۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي، «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە خالىغانچە تۇتۇلۇپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ۋە كاللىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۇيۇلۇشى ھازىر بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېدى.
باياناتچى ھامى ئاكسوي سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى قولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي بېسىمغا، شۇنداقلا سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ جازا لاگېرلىرىغا سولىغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ شەنبە كۈنى خىتاينى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدىن سۆيۈندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيەنىڭ بۇ مەيدانىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كۆتۈرۈپ چىقىشى، شۇ ئارقىلىق خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.